Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پادىشاھلار «1» - پادىشاھلار «1» 20

پادىشاھلار «1» 20:32-42

Help us?
Click on verse(s) to share them!
32شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بەللىرىگە بۆز باغلاپ باشلىرىغا كۇلا يۆگەپ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ كەمىنىلىرى بەن‫‪‎-‎‬‬ھاداد‫‪:‬‬ «جېنىمنى ئايىغايلا»، دەپ ئىلتىجا قىلدى، دېدى. ئۇ بولسا‫‪:‬‬ ــ ئۇ تېخى ھاياتمۇ؟ ئۇ مېنىڭ بۇرادىرىم، دېدى.
33بۇ ئادەملەر بۇ سۆزنى ياخشىلىقنىڭ ئالامىتى، دەپ ئويلاپ، دەرھاللا ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى چىڭ تۇتۇۋېلىپ‫‪:‬‬ ــ بەن‫‪‎-‎‬‬ھاداد سىلىنىڭ بۇرادەرلىرىدۇر! ــ دېدى. ئۇ‫‪:‬‬ ــ ئۇنى ئېلىپ كېلىڭلار، دەپ بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن بەن‫‪‎-‎‬‬ھاداد ئۇنىڭ قېشىغا چىقتى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنى قولىدىن تارتىپ جەڭ ھارۋىسىغا چىقاردى.
34بەن‫‪‎-‎‬‬ھاداد ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ مېنىڭ ئاتام سىلىنىڭ ئاتىلىرىدىن ئالغان شەھەرلەرنى سىلىگە قايتۇرۇپ بېرەي. ئاتام سامارىيەدە رەستە‫‪‎-‎‬‬بازارلىرىنى تىكلىگەندەك سىلى ئۆزلىرى ئۈچۈن دەمەشقتە رەستە‫‪‎-‎‬‬بازارلارنى تىكلەيلا، ــ دېدى. ئاھاب‫‪:‬‬ ــ بۇ شەرت بىلەن سېنى قويۇپ بېرەي، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى ئەھدە قىلىشتى ۋە ئۇ ئۇنى قويۇپ بەردى.
35پەيغەمبەرلەرنىڭ شاگىرتلىرىنىڭ بىرى پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بىلەن يەنە بىرىگە‫‪:‬‬ ــ سەندىن ئۆتۈنىمەن، مېنى ئۇرغىن، دېدى. لېكىن ئۇ ئادەم ئۇنى ئۇرغىلى ئۇنىمىدى.
36شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ سەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىغىنىڭ ئۈچۈن مانا بۇ يەردىن كەتكىنىڭدە بىر شىر سېنى بوغۇپ ئۆلتۈرىدۇ، ــ دېدى. ئۇ ئۇنىڭ يېنىدىن چىققاندا، ئۇنىڭغا بىر شىر ئۇچراپ ئۇنى ئۆلتۈردى.
37ئاندىن كېيىن ئۇ يەنە بىر ئادەمنى تېپىپ ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ سەندىن ئۆتۈنىمەن، مېنى ئۇرغىن، دېدى. ئۇ ئادەم ئۇنى قاتتىق ئۇرۇپ زەخمىلەندۈردى.
38ئاندىن پەيغەمبەر بېرىپ ئۆز قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ، كۆزلىرىنى تېڭىق بىلەن تېڭىپ يول بويىدا پادىشاھنى كۈتۈپ تۇردى.
39پادىشاھ شۇ يەردىن ئۆتكەندە ئۇ پادىشاھنى چاقىرىپ‫‪:‬‬ ــ كەمىنىلىرى كەسكىن جەڭ مەيدانىغا چىققانىدىم، ۋە مانا، بىر ئادەم ماڭا بۇرۇلۇپ، بىر كىشىنى تاپشۇرۇپ‫‪:‬‬ «بۇ كىشىگە چىڭ قارىغىن، ھەرقانداق سەۋەبتىن ئۇ يوقاپ كەتسە، سەن ئۆز جېنىڭنى ئۇنىڭ جېنىنىڭ ئورنىغا تۆلەيسەن؛ بولمىسا بىر تالانت كۈمۈش تۆلەيسەن»، دېدى.
40لېكىن مەن كەمىنىلىرى ئۇ‫‪‎-‎‬‬بۇ ئىش بىلەن بەند بولۇپ كېتىپ، ئۇنى يوقىتىپ قويدۇم، دېدى. ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ ئۆزۈڭ بېكىتكىنىڭدەك ساڭا ھۆكۈم قىلىنىدۇ! ــ دېدى.
41ئۇ دەرھال كۆزلىرىدىن تېڭىقنى ئېلىۋەتتى؛ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئۇنى تونۇپ ئۇنىڭ پەيغەمبەرلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى كۆردى.
42پەيغەمبەر ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ‫‪:‬‬ ــ «مەن ھالاكەتكە بېكىتكەن ئادەمنى قولۇڭدىن قۇتۇلغىلى قويغىنىڭ ئۈچۈن سېنىڭ جېنىڭ ئۇنىڭ جېنىنىڭ ئورنىدا ئېلىنىدۇ؛ سېنىڭ خەلقىڭ ئۇنىڭ خەلقىنىڭ ئورنىدا ئېلىنىدۇ»، دېدى.

Read پادىشاھلار «1» 20پادىشاھلار «1» 20
Compare پادىشاھلار «1» 20:32-42پادىشاھلار «1» 20:32-42