Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پادىشاھلار «1» - پادىشاھلار «1» 18

پادىشاھلار «1» 18:28-44

Help us?
Click on verse(s) to share them!
28ئۇلار تېخىمۇ ئۈنلۈك چاقىرىپ ئۆز قائىدىسى بويىچە قانغا مىلىنىپ كەتكۈچە ئۆزلىرىنى قىلىچ ۋە نەيزە بىلەن تىلاتتى.
29چۈشتىن كېيىن ئۇلار «بېشارەت بېرىۋاتقان» ھالەتكە چۈشۈپ كەچلىك قۇربانلىق ۋاقتىغىچە شۇ ھالەتتە تۇردى. لېكىن ھېچ ئاۋاز ئاڭلانمىدى، ياكى جاۋاب بەرگۈچى ياكى ئىجابەت قىلغۇچى مەلۇم بولمىدى.
30ئىلىياس ھەممە خەلققە‫‪:‬‬ ــ يېنىمغا يېقىن كېلىڭلار، دېدى. ھەممە خەلق ئۇنىڭغا يېقىن كەلگەندىن كېيىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ شۇ يەردىكى يىقىتىلغان قۇربانگاھىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقتى.
31ئىلىياس ئون ئىككى تاشنى ئالدى. بۇ تاشلارنىڭ سانى پەرۋەردىگارنىڭ «نامىڭ ئىسرائىل بولسۇن» دېگەن سۆزىنى تاپشۇرۇۋالغان ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرىدىن چىققان قەبىلىلەرنىڭ سانى بىلەن ئوخشاش ئىدى.
32شۇ تاشلاردىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن بىر قۇربانگاھنى ياسىدى. ئۇ قۇربانگاھنىڭ چۆرىسىدە ئىككى سېئاھ دان پاتقۇدەك ئازگال كولىدى.
33ئاندىن ئۇ ئوتۇننى راستلاپ، بۇقىنى پارچىلاپ ئوتۇننىڭ تۆپىسىگە قويدى.
34ئۇ‫‪:‬‬ ــ تۆت ئىدىشنى سۇغا توشقۇزۇپ ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئوتۇننىڭ ئۈستىگە تۆكۈڭلار، ــ دېدى. ئاندىن‫‪:‬‬ يەنە بىر قېتىم قىلىڭلار» ــ دېۋىدى، ئۇلار شۇنداق قىلدى. ئۇ يەنە‫‪:‬‬ ــ ئۈچىنچى مەرتىۋە شۇنداق قىلىڭلار، دېدى. ئۇلار ئۈچىنچى مەرتىۋە شۇنداق قىلغاندا
35سۇ قۇربانگاھنىڭ چۆرىسىدىن ئېقىپ چۈشۈپ، كولانغان ئازگالنىمۇ سۇ بىلەن تولدۇردى.
36كەچلىك قۇربانلىقنىڭ ۋاقتى كەلگەندە ئىلىياس پەيغەمبەر قۇربانلىققا يېقىن كېلىپ مۇنداق دۇئا قىلدى‫‪:‬‬ ــ ئەي پەرۋەردىگار، ئىبراھىم بىلەن ئىسھاق ۋە ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، ئۆزۈڭنىڭ ئىسرائىلدا خۇدا بولغىنىڭنى ئاشكارا قىلغايسەن، شۇنداقلا مېنىڭ سېنىڭ قۇلۇڭ بولۇپ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بۇيرۇقۇڭ بىلەن قىلغانلىقىمنى بۈگۈن بىلدۈرگەيسەن.
37ماڭا ئىجابەت قىلغايسەن، ئەي پەرۋەردىگار، ئىجابەت قىلغايسەن؛ شۇنىڭ بىلەن بۇ خەلققە سەن پەرۋەردىگارنىڭ خۇدا ئىكەنلىكىڭنى ھەمدە ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى توغرا يولغا ياندۇرغۇچى ئۆزۈڭ ئىكەنلىكىڭنى بىلدۈرگەيسەن، دېدى.
38شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئوتى چۈشۈپ كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى، ئوتۇننى، تاشلارنى ۋە توپىنى كۆيدۈرۈپ ئازگالدىكى سۇنىمۇ يوقىتىۋەتتى.
39خەلقلەرنىڭ ھەممىسى بۇنى كۆرۈپلا، ئۇلار دۈم يىقىلىپ‫‪:‬‬ ــ پەرۋەردىگار، ئۇ خۇدادۇر، پەرۋەردىگار، ئۇ خۇدادۇر، دېيىشتى.
40ئىلىياس خەلققە بۇيرۇپ‫‪:‬‬ ــ بائالنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى تۇتۇڭلار، ھېچقايسىنى قويۇپ بەرمەڭلار، ــ دېدى. ئۇلار ئۇلارنى تۇتقاندا ئىلىياس ئۇلارنى كىشۇن جىلغىسىغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇ يەردە قەتل قىلدۇردى.
41ئىلىياس ئاھابقا بولسا‫‪:‬‬ ــ چىقىپ يەپ‫‪‎-‎‬‬ئىچكىن. چۈنكى قاتتىق يامغۇرنىڭ شالدىرلىغان ئاۋازى ئاڭلانماقتا، ــ دېدى.
42ئاھاب قوپۇپ يەپ‫‪‎-‎‬‬ئىچىش ئۈچۈن چىقتى. ئەمما ئىلىياس كارمەلنىڭ چوققىسىغا چىقىپ يەرگە ئېڭىشىپ، بېشىنى تىزىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇپ تىزلىنىپ
43خىزمەتكارىغا‫‪:‬‬ ــ چىقىپ دېڭىز تەرەپكە قارىغىن، دېدى. ئۇ چىقىپ سەپسېلىپ قاراپ‫‪:‬‬ ــ ھېچنەرسە كۆرۈنمەيدۇ، دېدى. ئۇ جەمئىي يەتتە قېتىم‫‪:‬‬ ــ بېرىپ قاراپ باققىن، دەپ بۇيرۇدى.
44يەتتىنچى قېتىم كەلگەندە ئۇ‫‪:‬‬ ــ مانا، دېڭىزدىن چىقىۋاتقان، ئادەم ئالىقىنىدەك كىچىك بىر بۇلۇتنى كۆردۇم ــ دېدى. ئىلىياس ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ چىقىپ ئاھابقا‫‪:‬‬ ــ «ھارۋىنى قېتىپ تۆۋەنگە چۈشكىن، بولمىسا يامغۇر سېنى توسۇۋالىدۇ»، دەپ ئېيتقىن، ــ دېدى.

Read پادىشاھلار «1» 18پادىشاھلار «1» 18
Compare پادىشاھلار «1» 18:28-44پادىشاھلار «1» 18:28-44