16پەرۋەردىگارنىڭ ئىلىياس ئارقىلىق ئېيتقان سۆزى بويىچە، ئىدىشتىكى ئۇن تۈگىمىدى ۋە كوزىدىكى مايمۇ كېمەيمىدى.
17شۇ ئىشلاردىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، ئۆينىڭ ئىگىسى بولغان بۇ ئايالنىڭ ئوغلى كېسەل بولدى. ئۇنىڭ كېسىلى شۇنداق ئېغىرلىشىپ كەتتىكى، ئۇنىڭدا نەپەس قالمىدى.
18ئايال ئىلىياسقا: ــ ئى خۇدانىڭ ئادىمى، مېنىڭ سەن بىلەن نېمە ئالاقەم بار ئىدى؟ سەن گۇناھىمنى يادقا كەلتۈرۈپ، ئوغلۇمنىڭ جېنىغا زامىن بولۇشقا كەلدىڭمۇ؟ ــ دېدى.
19ئۇ ئۇنىڭغا: ــ ئوغلۇڭنى قولۇمغا بەرگىن، دەپ ئۇنى ئۇنىڭ قۇچىقىدىن ئېلىپ ئۆزى ئولتۇرغان بالىخانىغا ئېلىپ چىقىپ ئۆز ئورنىغا قويۇپ،