Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يەشۇئا - يەشۇئا 9

يەشۇئا 9:16-26

Help us?
Click on verse(s) to share them!
16ئۇلار ئەھدە باغلىشىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن، بۇ خەلقنىڭ ئۆزلىرىگە قوشنا ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرۇشلۇق ئىكەنلىكى ئۇلارغا مەلۇم بولدى.
17ئىسرائىللار سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئۈچىنچى كۈنى ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىگە يېتىپ كەلدى؛ ئۇلارنىڭ شەھەرلىرى گىبېئون، كەفىراھ، بەئەروت بىلەن كىرىئات‫‪‎-‎‬‬يېئارىم ئىدى.
18جامائەتنىڭ ئەمىرلىرى ئىلگىرى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئۇلارغا قەسەم قىلغان بولغاچقا، ئىسرائىللار ئۇلارغا ھۇجۇم قىلمىدى. بۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل جامائەت ئەمىرلەر ئۈستىدىن غوتۇلداشقىلى تۇردى.
19لېكىن ئەمىرلەرنىڭ ھەممىسى پۈتكۈل جامائەتكە‫‪:‬‬ ــ بىز ئۇلارغا ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ بەرگەچكە، ئۇلارغا قول تەگكۈزەلمەيمىز.
20بىز ئۇلارغا قىلغان قەسەمىمىز تۈپەيلىدىن، ئۈستىمىزگە غەزەپ چۈشمەسلىكى ئۈچۈن ئۇلارنى تىرىك قالدۇرۇشمىز كېرەك؛ ئۇلارغا شۇنداق قىلمىساق بولمايدۇ، دېدى.
21ئاندىن ئەمىرلەر جامائەتكە يەنە‫‪:‬‬ ــ ئۇلارنى تىرىك قويۇڭلار؛ ھالبۇكى، ئۇلار پۈتكۈل جامائەت ئۈچۈن ئوتۇن يارغۇچى ۋە سۇ توشۇغۇچىلار بولىدۇ، دېدى. بۇ ئىش ئەمىرلەر جامائەتكە دېگەندەك بولدى.
22ئۇ ۋاقىتتا يەشۇئا ئۇلارنى چاقىرىپ ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ سىلەر ئارىمىزدىكى يەرلىكلەر تۇرۇپ، نېمىشقا بىز يىراقتىن كەلدۇق، دەپ بىزنى ئالدىدىڭلار؟
23بۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر ئەمدى لەنەتكە قېلىپ، ئاراڭلاردا خۇدايىمنىڭ ئۆيى ئۈچۈن ئوتۇن يارىدىغان ۋە سۇ توشۇيدىغان قۇل بولۇشتىن بىرەر ئادەممۇ مۇستەسنا بولمايدۇ، ــ دېدى.
24شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەشۇئاغا جاۋاب بېرىپ‫‪:‬‬ ــ پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئۆز قۇلى بولغان مۇساغا ئەمر قىلىپ، بارلىق زېمىننى سىلەرگە بېرىشكە، شۇنداقلا زېمىندا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى ئالدىڭلاردىن يوقىتىشقا ۋەدە قىلغانلىقى قۇللىرىڭ بولغان پېقىرلارغا ئېنىق مەلۇم قىلىندى؛ شۇڭا بىز سىلەرنىڭ تۈپەيلىڭلاردىن جېنىمىزدىن جەزمەن ئايرىلىپ قالىمىز دەپ ۋەھىمىگە چۈشۈپ، بۇ ئىشنى قىلىپ سالدۇق.
25ئەمدى بىز قولۇڭغا چۈشتۇق؛ نەزىرىڭگە نېمە ياخشى ۋە دۇرۇس كۆرۈنسە شۇنى قىلغىن، ــ دېدى.
26يەشۇئا ئەنە شۇنداق قىلىش بىلەن ئۇلارنى ئىسرائىلنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدى؛ ئىسرائىللار ئۇلارنى ئۆلتۈرمىدى.

Read يەشۇئا 9يەشۇئا 9
Compare يەشۇئا 9:16-26يەشۇئا 9:16-26