Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يەشۇئا - يەشۇئا 7

يەشۇئا 7:12-22

Help us?
Click on verse(s) to share them!
12شۇڭا ئىسرائىللار دۈشمەنلىرىنىڭ ئالدىدا تىك تۇرالمايدۇ؛ ئۇلار ئۆزلىرىنى «ھارام» قىلىپ بېكىتىپ، مۇتلەق يوقىتىلىشقا يۈزلەنگەچكە، دۈشمەنلىرىنىڭ ئالدىدىن بۇرۇلۇپ ئارقىسىغا قاچىدۇ. ئەگەر سىلەر «ھارام» دەپ بېكىتىلگەننى ئاراڭلاردىن تامامەن يوق قىلمىساڭلار، مۇندىن كېيىن مەن سىلەر بىلەن بىللە بولمايمەن.
13ئەمدى سەن تۇرۇپ خەلقنى پاك‫‪‎-‎‬‬مۇقەددەس قىلىپ ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ «ئەتە ئۈچۈن ئۆزۈڭلارنى پاك قىلىڭلار؛ چۈنكى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ‫‪:‬‬ ــ ئەي ئىسرائىل، سەندە «ھارام» دەپ بېكىتىلگەن نەرسە باردۇر؛ بۇ ھارام نەرسىنى ئاراڭلاردىن يوق قىلمىغۇچىلىك دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ ئالدىدا تىك تۇرالمايسىلەر.
14ئەتە سەھەردە سىلەر قەبىلە بويىچە ھازىر قىلىنىسىلەر؛ شۇنداق بولىدۇكى، پەرۋەردىگار بېكىتكەن قەبىلە جەمەت‫‪‎-‎‬‬جەمەتى بويىچە بىردىن‫‪‎-‎‬‬بىردىن ئالدىغا كەلسۇن؛ پەرۋەردىگار بېكىتكەن جەمەت ئائىلە‫‪‎-‎‬‬ئائىلە بويىچە بىردىن‫‪‎-‎‬‬بىردىن ھازىر بولۇپ ئالدىغا كەلسۇن؛ ئاندىن پەرۋەردىگار بېكىتكەن ئائىلىدىكى ئەركەكلەر بىردىن‫‪‎-‎‬‬بىردىن ئالدىغا كېلىپ ھازىر بولسۇن.
15شۇنداق بولىدۇكى، ھارام دەپ بېكىتىلگەن نەرسىنى ئۆز يېنىدا ساقلىغان كىشى تېپىلغاندا، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ھەم شۇنداقلا ئىسرائىل ئىچىدە رەزىللىك سادىر قىلغىنى ئۈچۈن ئۇ ۋە ئۇنىڭغا بارلىق تەۋە بولغانلار ئوتتا كۆيدۈرۈلسۇن، ــ دەيدۇ»، دەپ ئېيتقىن».
16يەشۇئا ئەتىسى تاڭ سەھەردە تۇرۇپ ئىسرائىلنى ئالدىغا يىغىپ، قەبىلە‫‪‎-‎‬‬قەبىلىنى ھازىر قىلىۋىدى، يەھۇدا قەبىلىسى بېكىتىلدى؛
17ئۇ يەھۇدانىڭ جەمەتلىرىنى ھازىر قىلىۋىدى، زارھىيلار جەمەتى بېكىتىلدى. ئۇ زارھىيلار جەمەتىنى ئائىلە‫‪‎-‎‬‬ئائىلە بويىچە ئالدىغا كەلتۈرۈۋىدى، زابدى دېگەن كىشى بېكىتىلدى.
18زابدى ئۆز ئائىلىسىدىكى ئەركەكلەرنى بىردىن‫‪‎-‎‬‬بىردىن ھازىر قىلىۋىدى، يەھۇدا قەبىلىسىدىن زەراھنىڭ ئەۋلادى، زابدىنىڭ نەۋرىسى، كارمىنىڭ ئوغلى ئاقان بېكىتىلدى.
19شۇنىڭ بىلەن يەشۇئا ئاقانغا‫‪:‬‬ ــ ئەي ئوغلۇم، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا شان‫‪‎-‎‬‬شەرەپنى قايتۇرۇپ بېرىپ، ئۇنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن قىلغانلىرىڭنى ئىقرار قىلغىن؛ مەندىن ھېچنېمىنى يوشۇرماي، قىلغىنىڭنىڭ ھەممىسىنى ماڭا ئېيتقىن، دېدى.
20ئاقان يەشۇئاغا جاۋاب بېرىپ‫‪:‬‬ ــ مەن دەرۋەقە ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھ قىلىپ، مۇنداق‫‪‎-‎‬‬مۇنداق قىلدىم‫‪:‬‬
21مەن ئولجىنىڭ ئارىسىدىن شىناردا چىققان چىرايلىق بىر تونغا، ئىككى يۈز شەكەل كۈمۈش، ئەللىك شەكەل ئېغىرلىقتىكى ئالتۇن تاختىغا كۆزۈم قىزىرىپ ئۇلارنى ئېلىۋالدىم. مانا، بۇ نەرسىلەرنى چېدىرىمنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يەرگە كۆمۈپ قويدۇم، كۈمۈش ئۇلارنىڭ ئاستىدا، ــ دېدى.
22شۇلارنى دېۋىدى، يەشۇئا ئەلچىلەرنى ئەۋەتتى، ئۇلار چېدىرغا يۈگۈرۈپ باردى ۋە مانا، نەرسىلەر دەرۋەقە چېدىردا يوشۇرۇقلۇق بولۇپ، كۈمۈش بۇلارنىڭ ئاستىدا ئىدى.

Read يەشۇئا 7يەشۇئا 7
Compare يەشۇئا 7:12-22يەشۇئا 7:12-22