Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يەشۇئا - يەشۇئا 15

يەشۇئا 15:12-55

Help us?
Click on verse(s) to share them!
12غەرب تەرىپىدىكى چېگرىسى بولسا دېڭىز بويلىرى ئىدى. يەھۇدالارنىڭ جەمەت‫‪‎-‎‬‬ئائىلىلىرى بويىچە ئۇلارغا توختىتىلغان تۆت تەرىپىدىكى چېگرا مانا شۇ ئىدى.
13يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەبگە بولسا، پەرۋەردىگارنىڭ يەشۇئاغا بەرگەن ئەمرى بويىچە، ئۇنىڭغا يەھۇدالارنىڭ ئارىسىدا بىر ئۈلۈش، يەنى ئاناكنىڭ ئاتىسى ئاربانىڭ شەھىرى بولغان ھېبرون ئاتا قىلىندى.
14كالەب شۇ يەردىن شېشاي، ئاھىمان ۋە تالماي دېگەن ئۈچ ئاناكىينى قوغلىۋەتتى؛ ئۇلار ئۈچى ئاناكنىڭ ئەۋلادى ئىدى.
15ئاندىن شۇ يەردىن چىقىپ، دەبىردە تۇرۇۋاتقانلارغا ھۇجۇم قىلدى (ئىلگىرى دەبىرنىڭ نامى كىرىئات‫‪‎-‎‬‬سەفەر ئىدى).
16كالەب‫‪:‬‬ ــ كىمكى كىرىئات‫‪‎-‎‬‬سەفەرگە ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئالسا، ئۇنىڭغا قىزىم ئاكساھنى خوتۇنلۇققا بېرىمەن، دېگەنىدى.
17كالەبنىڭ ئۇكىسى كېنازنىڭ ئوغلى ئوتنىيەل ئۇنى ئىشغال قىلدى، كالەب ئۇنىڭغا قىزى ئاكساھنى خوتۇنلۇققا بەردى.
18شۇنداق بولدىكى، قىز ياتلىق بولۇپ ئۇنىڭ قېشىغا بارار چاغدا، ئېرىنى ئاتىسىدىن بىر پارچە يەر سوراشقا ئۈندىدى. ئاكساھ ئېشەكتىن چۈشۈشىگە كالەب ئۇنىڭدىن‫‪:‬‬ ــ سېنىڭ نېمە تەلىپىڭ بار؟ ــ دەپ سورىدى.
19ئۇ جاۋاب بېرىپ‫‪:‬‬ ــ مېنى ئالاھىدە بىر بەرىكەتلىگەيسەن؛ سەن ماڭا نەگەۋدىن قاغجىراق يەر بەرگەنىكەنسەن، ماڭا بىرنەچچە بۇلاقنىمۇ بەرگەيسەن، ــ دېدى. شۇنى دېۋىدى، كالەب ئۇنىڭغا ئۈستۈن بۇلاقلار بىلەن ئاستىن بۇلاقلارنى بەردى.
20تۆۋەندىكىلەر يەھۇدا قەبىلىسىگە ئۇلارنىڭ جەمەت‫‪‎-‎‬‬ئائىلىلىرى بويىچە تەگكەن مىراس ئۈلۈشلەردۇر‫‪:‬‬ ــ
21يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ ئەڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، ئېدوم چېگرىسى تەرەپتىكى شەھەرلەر‫‪:‬‬ ــ كابزەئەل، ئېدەر، ياگۇر،
22كىناھ، دىموناھ، ئاداداھ،
23كەدەش، ھازور، يىتنان،
24زىف، تەلەم، بېئالوت،
25ھازور‫‪‎-‎‬‬ھاداتتاھ، كېرىئوت‫‪‎-‎‬‬ھەزرون (يەنى ھازور)،
26ئامام، سېما، مولاداھ،
27ھازار‫‪‎-‎‬‬گادداھ، ھەشمون، بەيت‫‪‎-‎‬‬پەلەت،
28ھازار‫‪‎-‎‬‬شۇئال، بەئەر‫‪‎-‎‬‬شېبا، بىزىئوتىيا،
29بائالاھ، ئىجىم، ئېزەم،
30ئەلتولاد، كېسىل، خورماھ،
31زىكلاگ، مادمانناھ، سانسانناھ،
32لىبائوت، شىلھىم، ئائىن ۋە رىممون قاتارلىقلار جەمئىي يىگىرمە توققۇز شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت‫‪‎-‎‬‬قىشلاقلار ئىدى.
33شەفەلاھ ئويمانلىقىدىكى شەھەرلەر بولسا ئەشتائول، زورېئاھ، ئاشناھ،
34زانوئاھ، ئەن‫‪‎-‎‬‬گاننىم، تاپپۇئاھ، ئەنام،
35يارمۇت، ئادۇللام، سوكوھ، ئازىكاھ،
36شائارايىم، ئادىتائىم، گەدەراھ ۋە گەدەروتائىم بولۇپ، جەمئىي ئون تۆت شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت‫‪‎-‎‬‬قىشلاقلار ئىدى.
37بۇلاردىن باشقا يەنە زىنان، ھاداشاھ، مىگدال‫‪‎-‎‬‬گاد،
38دىلېئان، مىزپاھ، يوقتەئەل،
39لاقىش، بوزكات، ئەگلون،
40كاببون، لاھماس، قىتلىش،
41گەدەروت، بەيت‫‪‎-‎‬‬داگون، نائاماھ ۋە ماككەداھ بولۇپ، جەمئىي ئون ئالتە شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت‫‪‎-‎‬‬قىشلاقلار ئىدى.
42بۇنىڭدىن باشقا يەنە لىبناھ، ئېتەر، ئاشان،
43يەفتاھ، ئاشناھ، نەزىب،
44كېئىلاھ، ئاقزىب ۋە مارەشاھ بولۇپ، جەمئىي توققۇز شەھەر ۋە يەنە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت‫‪‎-‎‬‬قىشلاقلارمۇ بار ئىدى؛
45يەنە ئەكرون بىلەن ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزا‫‪‎-‎‬‬كەنتلەر،
46شۇنداقلا ئەكروننىڭ غەرب تەرىپىدىن تارتىپ ئاشدودنىڭ يېنىدىكى ھەممە شەھەرلەر بىلەن ئۇلارنىڭ كەنت‫‪‎-‎‬‬قىشلاقلىرى قوشۇلۇپ،
47ئاشدود ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزىلار ۋە كەنت‫‪‎-‎‬‬قىشلاقلار، گازا شەھىرى ۋە شۇنداقلا مىسىر ئېقىنىغىچە ۋە ئۇلۇغ دېڭىزنىڭ قىرغىقىغىچە، ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزىلار ۋە كەنت‫‪‎-‎‬‬قىشلاقلار بار ئىدى.
48تاغلىق رايوندىكى شەھەرلەر‫‪:‬‬ ــ شامىر، ياتتىر، سوكوھ،
49دانناھ، كىرىئات‫‪‎-‎‬‬سانناھ (يەنى دەبىر)،
50ئاناب، ئەشتەموھ، ئانىم،
51گوشەن، ھولون ۋە گىلوھ بولۇپ، جەمئىي ئون بىر شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت‫‪‎-‎‬‬قىشلاقلار ئىدى.
52بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاراب، دۇماھ، ئېشان،
53يانىم، بەيت‫‪‎-‎‬‬تاپپۇئاھ، ئافىكاھ،
54ھۇمتاھ، كىرىئات‫‪‎-‎‬‬ئاربا (يەنى ھېبرون) ۋە زىئور بولۇپ، جەمئىي توققۇز شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت‫‪‎-‎‬‬قىشلاقلار بار ئىدى.
55بۇنىڭدىن باشقا يەنە مائون، كارمەل، زىف، يۇتتاھ،

Read يەشۇئا 15يەشۇئا 15
Compare يەشۇئا 15:12-55يەشۇئا 15:12-55