11ئىسرائىللار شەھەر ئىچىدە ئولتۇرۇشلۇق ھەممىسىنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرۈپ، ھېچ نەپەس ئىگىسىنى قويماي ھەممىسىنى ئۈزۈل-كېسىل يوقاتتى؛ ھازورنى يەشۇئا ئوتتا كۆيدۈرۈۋەتتى،
12شۇ پادىشاھلارنىڭ بارلىق پايتەخت شەھەرلىرىنى ئېلىپ، ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىنى مەغلۇپ قىلدى؛ پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى بولغان مۇسا بۇيرۇغىنىدەك، ئۇ ئۇلارنى قىلىچلاپ ئۈزۈل-كېسىل يوقاتتى.
13لېكىن ئېگىزلىككە سېلىنغان شەھەرلەرنى بولسا، ئىسرائىل كۆيدۈرمىدى؛ يەشۇئا ئۇلاردىن پەقەت ھازورنىلا كۆيدۈرۈۋەتتى.
14ئىسرائىللار بۇ شەھەرلەردىكى غەنىيمەتلەرنى ۋە چارپايلارنى ئۆزلىرىگە ئولجا قىلىپ ئالدى، لېكىن ئىچىدىكى ھەممە ئادەملەرنى قىلىچلاپ يوقاتتى؛ ئۇلار بىرمۇ نەپەس ئىگىسىنى تىرىك قويمىدى.