Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يەشۇئا - يەشۇئا 10

يەشۇئا 10:5-15

Help us?
Click on verse(s) to share them!
5شۇنداق قىلىپ ئامورىيلارنىڭ بەش پادىشاھى، يەنى يېرۇسالېمنىڭ پادىشاھى، ھېبروننىڭ پادىشاھى، يارمۇتنىڭ پادىشاھى، لاقىشنىڭ پادىشاھى ۋە ئەگلوننىڭ پادىشاھى ــ ئۇلار ئۆزلىرى بارلىق قوشۇنلىرى بىلەن بىللە چىقىپ، گىبېئوننىڭ ئۇدۇلىدا بارگاھ تىكىپ، ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلدى.
6بۇنىڭ بىلەن گىبېئونلىقلار گىلگالدىكى چېدىرگاھقا، يەشۇئانىڭ قېشىغا ئادەم ئەۋەتىپ‫‪:‬‬ ــ سەن ئۆز قۇللىرىڭنى تاشلىۋەتمەي، دەرھال قېشىمىزغا كېلىپ مەدەت بېرىپ، بىزنى قۇتقۇزغىن؛ چۈنكى تاغلىق رايوندا ئولتۇرۇشلۇق ئامورىيلارنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى بىرلىشىپ بىزگە ھۇجۇم قىلدى، ــ دېدى.
7بۇنى ئاڭلاپ يەشۇئا بارلىق جەڭچىلەرنى، جۈملىدىن ھەممە باتۇر پالۋانلارنى ئېلىپ گىلگالدىن يولغا چىقتى.
8پەرۋەردىگار يەشۇئاغا‫‪:‬‬ ــ ئۇلاردىن قورقمىغىن؛ چۈنكى مەن ئۇلارنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇردۇم، ئۇلارنىڭ ھېچبىرى ئالدىڭدا پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ، ــ دېدى.
9يەشۇئا گىلگالدىن چىقىپ پۈتۈن كېچە مېڭىپ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تۇيۇقسىز چۈشتى.
10پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئىسرائىلنىڭ ئالدىدا تىرىپىرەن قىلدى، يەشۇئا ئۇلارنى گىبېئوندا قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ قىرىپ، بەيت‫‪‎-‎‬‬ھورونغا چىقىدىغان داۋان يولىدا قوغلاپ، ئازىكاھ بىلەن ماككەداھقىچە سۈرۈپ‫‪‎-‎‬‬توقاي قىلدى.
11ئۇلار ئىسرائىلدىن قېچىپ، بەيت‫‪‎-‎‬‬ھوروننىڭ داۋانىدىن چۈشۈۋاتقاندا، پەرۋەردىگار تاكى ئۇلار ئازىكاھقا يەتكۈچە ئاسماندىن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چوڭ‫‪‎-‎‬‬چوڭ مۆلدۈر‫‪‎-‎‬‬تاشلارنى ياغدۇردى. ئۇلار ئۆلدى؛ مۇشۇ مۆلدۈرلەر بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئىسرائىللار قىلىچلاپ ئۆلتۈرگەنلەردىن كۆپ ئىدى.
12ئاندىن يەشۇئا پەرۋەردىگارغا سۆز قىلدى، ــ يەنى پەرۋەردىگار ئامورىيلارنى ئىسرائىلنىڭ ئالدىغا تاپشۇرغان كۈنىدە ئۇ ئىسرائىلنىڭ كۆز ئالدىدا پەرۋەردىگارغا مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ «ئەي قۇياش، گىبېئون ئۈستىدە توختاپ تۇر! ئەي ئاي، ئايجالون جىلغىسى ئۈستىدە توختاپ تۇر!»
13شۇنى دېۋىدى، خەلق دۈشمەنلەردىن ئىنتىقام ئېلىپ بولغۇچىلىك قۇياش ماڭماي توختاپ تۇردى، ئايمۇ توختاپ تۇردى. بۇ ۋەقە ياشارنىڭ كىتابىدا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ قۇياش تەخمىنەن پۈتۈن بىر كۈن ئاسماننىڭ ئوتتۇرىسىدا توختاپ ئولتۇرۇشقا ئالدىرىمىدى.
14پەرۋەردىگار بىر ئىنساننىڭ نىداسىغا قۇلاق سالغان شۇنداق بىر كۈن ئىلگىرى بولۇپ باقمىغان ۋە كېيىنمۇ بولۇپ باقمىدى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئىسرائىل ئۈچۈن جەڭ قىلدى.
15ئاندىن يەشۇئا بىلەن پۈتكۈل ئىسرائىل گىلگالدىكى چېدىرگاھقا يېنىپ كەلدى.

Read يەشۇئا 10يەشۇئا 10
Compare يەشۇئا 10:5-15يەشۇئا 10:5-15