36ئاندىن يەشۇئا بىلەن ئىسرائىلنىڭ ھەممىسى ئەگلوندىن چىقىپ ھېبرونغا بېرىپ، ئۇ شەھەرگە ھۇجۇم قىلدى.
37ئۇلار ئۇنى ئېلىپ، دەل ئەگلوندا قىلغاندەك ئۇنىڭ پادىشاھىنى قىلىچلاپ، ئۇنىڭغا قاراشلىق ھەممە يېزا-كەنتلىرىنى ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئولتۇرۇشلۇق ھەممە ئادەمنىڭ ھېچبىرىنى قويماي قىلىچلاپ يوقاتتى. يەشۇئا شەھەرنى ۋە ئىچىدىكى بارلىق ئادەملەرنى مۇتلەق يوقاتتى.
38ئاندىن يەشۇئا بىلەن بارلىق ئىسرائىللار دەبىرگە بېرىپ، ئۇ شەھەرگە ھۇجۇم قىلدى.
39ئۇ شەھەرنى ئېلىپ ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق ھەممە يېزا-كەنتلىرىنى قىلىچ بىلەن ئۇرۇپ، پادىشاھىنى تۇتۇپ، بۇلاردىكى بارلىق ئادەملەرنىڭ ھېچبىرىنى قويماي تەلتۆكۈس يوقاتتى. يەشۇئا ھېبرونغا قىلغىنىدەك، لىبناھقا ۋە ئۇنىڭ پادىشاھىغا قىلغىنىدەك، دەبىر بىلەن ئۇنىڭ پادىشاھىغىمۇ شۇنداق قىلدى.
40بۇ تەرىقىدە يەشۇئا شۇ پۈتۈن يۇرتنى، يەنى تاغلىق رايوننى، جەنۇبىي نەگەۋ يۇرتىنى، شەفەلاھ ئويمانلىقىنى، داۋاندىكى يۇرتلارنى ھۇجۇم قىلىپ ئېلىپ، ھەممە يۇرتنى ئىشغال قىلىپ بارلىق پادىشاھلىرى بىلەن مەغلۇپ قىلدى. ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار بۇيرۇغىنىدەك، ئۇ ھېچكىمنى قويماي، بەلكى نەپەسى بارلارنىڭ ھەممىسىنى مۇتلەق يوقاتتى.