Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يەشۇئا - يەشۇئا 10

يەشۇئا 10:26-39

Help us?
Click on verse(s) to share them!
26ئاندىن يەشۇئا پادىشاھلارنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرۈپ، جەسەتلىرىنى بەش دەرەخكە ئېسىپ قويدى؛ ئۇلار دەرەخلەرنىڭ ئۈستىدە كەچكىچە ئېسىقلىق تۇردى.
27كۈن پاتقاندا يەشۇئانىڭ بۇيرۇقى بىلەن كىشىلەر ئۆلۈكلەرنى دەرەخلەردىن چۈشۈرۈپ، ئۇلار ئىلگىرى يوشۇرۇنغان غارغا تاشلاپ، غارنىڭ ئاغزىغا چوڭ‫‪‎-‎‬‬چوڭ تاشلارنى قويۇپ قويدى. بۇ تاشلار تاكى بۈكۈنگە قەدەر شۇ يەردە تۇرماقتا.
28ئۇ كۈنى يەشۇئا ماككەداھنى ئىشغال قىلىپ، ئۇنىڭ پادىشاھى بىلەن شەھىرىدىكى ھەممە خەلقنىڭ بىرىنىمۇ قويماي قىلىچلاپ مۇتلەق يوقاتتى؛ ئۇ يېرىخونىڭ پادىشاھىغا قىلغىنىدەك ماككەداھنىڭ پادىشاھىغىمۇ شۇنداق قىلدى.
29ئاندىن يەشۇئا بىلەن بارلىق ئىسرائىللار ماككەداھتىن چىقىپ، لىبناھقا بېرىپ لىبناھ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدى.
30پەرۋەردىگار ئۇنىمۇ پادىشاھى بىلەن قوشۇپ ئىسرائىلنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى؛ يەشۇئا ئۇنى قىلىچ بىلەن ئۇرۇپ، شەھىرىدىكى ھەممە خەلقنىڭ بىرىنىمۇ قويماي قىلىچلاپ ئۆلتۈردى؛ ئۇ يېرىخونىڭ پادىشاھىغا قىلغىنىدەك ئۇنىڭ پادىشاھىغىمۇ شۇنداق قىلدى.
31ئاندىن يەشۇئا بىلەن بارلىق ئىسرائىل لىبناھدىن چىقىپ، لاقىشقا بېرىپ، ئۇنى قامال قىلىپ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلدى.
32پەرۋەردىگار لاقىشنى ئىسرائىلنىڭ قولىغا تاپشۇردى؛ ئۇلار ئىككىنچى كۈنىلا ئۇنى قىلىچ بىلەن ئېلىپ، دەل لىبناھقا قىلغىنىدەك، شەھىرىدىكى خەلقنىڭ بىرىنىمۇ قويماي قىلىچلاپ ئۆلتۈردى.
33ئۇ ۋاقىتتا گەزەرنىڭ پادىشاھى ھورام لاقىش شەھىرىگە مەدەت بېرىش ئۈچۈن چىقىپ كەلدى؛ لېكىن يەشۇئا ئۇنى بارلىق ئادەملىرى بىلەن قوشۇپ ئۇرۇپ، ئۇلاردىن ھېچكىمنى تىرىك قويماي ئۆلتۈردى.
34ئاندىن يەشۇئا بىلەن بارلىق ئىسرائىل لاقىشتىن چىقىپ، ئەگلونغا بېرىپ ئۇنى قامال قىلىپ، ئۇ شەھەرگە ھۇجۇم قىلدى.
35ئۇلار شۇ كۈنى شەھەرنى ئېلىپ، ئۇنىڭدىكى ئادەملەرنى قىلىچلىدى؛ شۇ كۈنى يەشۇئا شەھەردىكى بارلىق كىشىلەرنى تەلتۆكۈس يوقاتتى؛ ئۇ دەل لاقىشقا قىلغىنىدەك، ئۇلارغىمۇ شۇنداق قىلدى.
36ئاندىن يەشۇئا بىلەن ئىسرائىلنىڭ ھەممىسى ئەگلوندىن چىقىپ ھېبرونغا بېرىپ، ئۇ شەھەرگە ھۇجۇم قىلدى.
37ئۇلار ئۇنى ئېلىپ، دەل ئەگلوندا قىلغاندەك ئۇنىڭ پادىشاھىنى قىلىچلاپ، ئۇنىڭغا قاراشلىق ھەممە يېزا‫‪‎-‎‬‬كەنتلىرىنى ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئولتۇرۇشلۇق ھەممە ئادەمنىڭ ھېچبىرىنى قويماي قىلىچلاپ يوقاتتى. يەشۇئا شەھەرنى ۋە ئىچىدىكى بارلىق ئادەملەرنى مۇتلەق يوقاتتى.
38ئاندىن يەشۇئا بىلەن بارلىق ئىسرائىللار دەبىرگە بېرىپ، ئۇ شەھەرگە ھۇجۇم قىلدى.
39ئۇ شەھەرنى ئېلىپ ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق ھەممە يېزا‫‪‎-‎‬‬كەنتلىرىنى قىلىچ بىلەن ئۇرۇپ، پادىشاھىنى تۇتۇپ، بۇلاردىكى بارلىق ئادەملەرنىڭ ھېچبىرىنى قويماي تەلتۆكۈس يوقاتتى. يەشۇئا ھېبرونغا قىلغىنىدەك، لىبناھقا ۋە ئۇنىڭ پادىشاھىغا قىلغىنىدەك، دەبىر بىلەن ئۇنىڭ پادىشاھىغىمۇ شۇنداق قىلدى.

Read يەشۇئا 10يەشۇئا 10
Compare يەشۇئا 10:26-39يەشۇئا 10:26-39