Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يەشۇئا - يەشۇئا 10

يەشۇئا 10:21-30

Help us?
Click on verse(s) to share them!
21ئاندىن بارلىق خەلق ماككەداھتىكى چېدىرگاھقا، يەشۇئانىڭ قېشىغا تىنچ‫‪‎-‎‬‬سالامەت يېنىپ كەلدى. ھېچكىم ئىسرائىللارغا قارشى ئېغىز ئېچىشقا جۈرئەت قىلالمىدى.
22يەشۇئا‫‪:‬‬ ــ غارنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ، ئۇ بەش پادىشاھنى غاردىن چىقىرىپ مېنىڭ قېشىمغا ئېلىپ كېلىڭلار، ــ دېدى.
23ئۇلار شۇنداق قىلىپ بەش پادىشاھنى، يەنى يېرۇسالېمنىڭ پادىشاھى، ھېبروننىڭ پادىشاھى، يارمۇتنىڭ پادىشاھى، لاقىشنىڭ پادىشاھى ۋە ئەگلوننىڭ پادىشاھىنى غاردىن چىقىرىپ ئۇنىڭ قېشىغا ئېلىپ كەلدى.
24ئۇ پادىشاھلار يەشۇئانىڭ قېشىغا كەلتۈرۈلگەندە، يەشۇئا ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئادەملىرىنى چاقىرىپ، ئۆزى بىلەن جەڭگە چىققان لەشكەر سەردارلىرىغا‫‪:‬‬ ــ كېلىپ پۇتلىرىڭلارنى بۇ پادىشاھلارنىڭ گەدىنىگە قويۇڭلار، ــ دېدى. شۇنداق دېۋىدى، ئۇلار كېلىپ پۇتلىرىنى ئۇلارنىڭ گەدەنلىرىگە قويدى.
25ئاندىن يەشۇئا ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ قورقماڭلار ۋە ھېچ ھودۇقماڭلار، قەيسەر ۋە غەيرەتلىك بولۇڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەر ھۇجۇم قىلغان بارلىق دۈشمەنلىرىڭلارغا شۇنداق ئىشنى قىلىدۇ، ــ دېدى.
26ئاندىن يەشۇئا پادىشاھلارنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرۈپ، جەسەتلىرىنى بەش دەرەخكە ئېسىپ قويدى؛ ئۇلار دەرەخلەرنىڭ ئۈستىدە كەچكىچە ئېسىقلىق تۇردى.
27كۈن پاتقاندا يەشۇئانىڭ بۇيرۇقى بىلەن كىشىلەر ئۆلۈكلەرنى دەرەخلەردىن چۈشۈرۈپ، ئۇلار ئىلگىرى يوشۇرۇنغان غارغا تاشلاپ، غارنىڭ ئاغزىغا چوڭ‫‪‎-‎‬‬چوڭ تاشلارنى قويۇپ قويدى. بۇ تاشلار تاكى بۈكۈنگە قەدەر شۇ يەردە تۇرماقتا.
28ئۇ كۈنى يەشۇئا ماككەداھنى ئىشغال قىلىپ، ئۇنىڭ پادىشاھى بىلەن شەھىرىدىكى ھەممە خەلقنىڭ بىرىنىمۇ قويماي قىلىچلاپ مۇتلەق يوقاتتى؛ ئۇ يېرىخونىڭ پادىشاھىغا قىلغىنىدەك ماككەداھنىڭ پادىشاھىغىمۇ شۇنداق قىلدى.
29ئاندىن يەشۇئا بىلەن بارلىق ئىسرائىللار ماككەداھتىن چىقىپ، لىبناھقا بېرىپ لىبناھ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدى.
30پەرۋەردىگار ئۇنىمۇ پادىشاھى بىلەن قوشۇپ ئىسرائىلنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى؛ يەشۇئا ئۇنى قىلىچ بىلەن ئۇرۇپ، شەھىرىدىكى ھەممە خەلقنىڭ بىرىنىمۇ قويماي قىلىچلاپ ئۆلتۈردى؛ ئۇ يېرىخونىڭ پادىشاھىغا قىلغىنىدەك ئۇنىڭ پادىشاھىغىمۇ شۇنداق قىلدى.

Read يەشۇئا 10يەشۇئا 10
Compare يەشۇئا 10:21-30يەشۇئا 10:21-30