Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يەشايا - يەشايا 1

يەشايا 1:21-28

Help us?
Click on verse(s) to share them!
21سادىق شەھەر قانداقمۇ پاھىشە بولۇپ قالدى!؟ ئەسلىدە ئۇ ئادالەت بىلەن تولغانىدى، ھەققانىيلىق ئۇنى ماكان قىلغانىدى، بىراق ھازىر قاتىللار ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتىدۇ.
22كۈمۈشۈڭ بولسا داشقالغا ئايلىنىپ قالدى، شارابىڭغا سۇ ئارىلىشىپ قالدى؛
23ئەمىرلىرىڭ ئاسىيلىق قىلغۇچىلار، ئوغرىلارغا ئۈلپەت بولدى؛ ئۇلارنىڭ ھەربىرى پارىغا ئامراق بولۇپ، سوغا‫‪‎-‎‬‬سالاملارنى كۆزلەپ يۈرمەكتە؛ ئۇلار يېتىم‫‪‎-‎‬‬يېسىرلەر ئۈچۈن ئادالەت ئىزدىمەيدۇ؛ تۇل خوتۇنلارنىڭ دەۋاسى ئۇلارنىڭ ئالدىغا يەتمەيدۇ.  
24شۇڭا ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار ــ يەنى ئىسرائىلدىكى قۇدرەت ئىگىسى ئېيتىدۇ‫‪:‬‬ ــ مەن كۈشەندىلىرىمنى جازالاپ پۇخادىن چىقىمەن، دۈشمەنلىرىمدىن قىساس ئالىمەن؛
25قولۇمنى ئۈستۈڭگە تەگكۈزۈپ، سېنى تاۋلاپ، سەندىكى داشقالنى تەلتۆكۈس تازىلايمەن، سەندىكى بارلىق ئارىلاشمىلارنى ئېلىپ تاشلايمەن.
26ھۆكۈمران‫‪‎-‎‬‬سوراقچىلىرىڭلارنى ئاۋۋالقىدەك، مەسلىھەتچىلىرىڭلارنى دەسلەپتىكىدەك ھالغا كەلتۈرىمەن. كېيىن سەن «ھەققانىيلىقنىڭ ماكانى»، «سادىق شەھەر» ــ دەپ ئاتىلىسەن.
27ئەمدى زىئون ئادىللىق بىلەن، ۋە ئۇنىڭغا قايتىپ كەلگەنلەر ھەققانىيلىق بىلەن قۇتقۇزۇلۇپ ھۆر قىلىنىدۇ.
28بىراق ئاسىيلار ۋە گۇناھكارلار بىردەك ئۇجۇقتۇرۇلىدۇ، پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرىگۈچىلەر بولسا ھالاك بولىدۇ.

Read يەشايا 1يەشايا 1
Compare يەشايا 1:21-28يەشايا 1:21-28