Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يەشايا - يەشايا 1

يەشايا 1:2-22

Help us?
Click on verse(s) to share them!
2«ئى ئاسمانلار، ئاڭلاڭلار! ئى يەر‫‪‎-‎‬‬زېمىن، قۇلاق سال! چۈنكى پەرۋەردىگار سۆز ئېيتتى‫‪:‬‬ ــ «مەن بالىلارنى بېقىپ چوڭ قىلدىم، بىراق ئۇلار ماڭا ئاسىيلىق قىلدى.  
3كالا بولسا ئىگىسىنى تونۇيدۇ، ئېشەكمۇ خوجايىنىنىڭ ئوقۇرىغا ماڭىدىغان يولنى بىلىدۇ، بىراق ئىسرائىل بىلمەيدۇ، ئۆز خەلقىم ھېچ يورۇتۇلغان ئەمەس.
4ئاھ، گۇناھكار «يات ئەل»، قەبىھلىكنى توپلاپ ئۆزىگە يۈكلىگەن خەلق، رەزىللەرنىڭ بىر نەسلى، نىجىس بولۇپ كەتكەن بالىلار! ئۇلار پەرۋەردىگاردىن يىراقلىشىپ، «ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى»نى كۆزىگە ئىلمىدى، ئۇلار كەينىگە ياندى.  
5نېمىشقا يەنە دۇمبالانغۇڭلار كېلىدۇ؟ نېمىشقا ئاسىيلىق قىلىۋېرىسىلەر؟ پۈتۈن باشلىرىڭلار ئاغرىپ، يۈرىكىڭلار پۈتۈنلەي زەئىپلىشىپ كەتتى،
6بېشىڭلاردىن ئايىغىڭلارغىچە ساق يېرىڭلار قالمىدى، پەقەت يارا‫‪‎-‎‬‬جاراھەت، ئىششىق ۋە يىرىڭ بىلەن تولدى، ئۇلار تازىلانمىغان، تېڭىلمىغان ياكى ئۇلارغا ھېچ مەلھەم سۈرۈلمىگەن.
7ۋەتىنىڭلار چۆللەشتى؛ شەھەرلىرىڭلار كۆيۈپ ۋەيرانە بولدى؛ يەر‫‪‎-‎‬‬زېمىنىڭلارنى بولسا، ياتلار كۆز ئالدىڭلاردىلا يۇتۇۋېلىۋاتىدۇ؛ ئۇ ياتلار تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنىپ چۆللىشىپ كەتتى.
8ئەمدى ئۈزۈمزارغا سېلىنغان چەللىدەك، تەرخەمەكلىككە سېلىنغان كەپىدەك، مۇھاسىرىگە چۈشكەن شەھەردەك، زىئوننىڭ قىزى زەئىپ قالدۇرۇلدى.
9ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار بىزگە ئازغىنە «قالدىسى»نى قالدۇرمىغان بولسا، بىز سودوم شەھىرىگە ئوخشاپ قالاتتۇق، گوموررا شەھىرىنىڭ ھالىغا چۈشۈپ قالاتتۇق.  
10ئى سودومنىڭ ھۆكۈمرانلىرى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ قويۇڭلار، «ئى گوموررانىڭ خەلقى، خۇدايىمىزنىڭ قانۇن‫‪‎-‎‬‬نەسىھىتىگە قۇلاق سېلىڭلار!
11سىلەر زادى نېمە دەپ ماڭا ئاتاپ نۇرغۇنلىغان قۇربانلىقلارنى سۇنىسىلەر؟» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. ــ «مەن كۆيدۈرمە قوچقار قۇربانلىقىڭلاردىن، بورداق مالنىڭ ياغلىرىدىن تويۇپ كەتتىم، بۇقىلار، پاقلانلار، تېكىلەرنىڭ قانلىرىدىن ھېچ خۇرسەن ئەمەسمەن.  
12سىلەر مېنىڭ ئالدىمغا كىرىپ كەلگىنىڭلاردا، سىلەردىن ھويلا‫‪‎-‎‬‬ئايۋانلىرىمنى شۇنداق دەسسەپ‫‪‎-‎‬‬چەيلەشنى كىم تەلەپ قىلغان؟
13بىھۇدە «ئاشلىق ھەدىيە»لەرنى ئېلىپ كېلىشنى بولدى قىلىڭلار، خۇشبۇي بولسا ماڭا يىرگىنچلىك بولۇپ قالدى. «يېڭى ئاي» ھېيتلىرى ۋە «شابات كۈن»لىرىگە، جامائەت ئىبادەت سورۇنلىرىغا چاقىرىلىشلارغا ــ قىسقىسى، قەبىھلىكتە ئۆتكۈزۈلگەن داغدۇغىلىق يىغىلىشلارغا چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى.
14«يېڭى ئاي» ھېيتىڭلاردىن، بېكىتىلگەن ھېيت‫‪‎-‎‬‬بايرىمىڭلاردىن قەلبىم نەپرەتلىنىدۇ؛ ئۇلار ماڭا يۈك بولۇپ قالدى؛ ئۇلارنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشتىن چارچاپ كەتتىم.
15قولۇڭلارنى كۆتۈرۈپ دۇئاغا يايغىنىڭلاردا، كۆزۈمنى سىلەردىن ئېلىپ قاچىمەن؛ بەرھەق، كۆپلەپ دۇئالارنى قىلغىنىڭلاردا، ئاڭلىمايمەن؛ چۈنكى قوللىرىڭلار قانغا بويالدى.
16ئۆزۈڭلارنى يۇيۇپ، پاكلىنىڭلار؛ قىلمىشلىرىڭلارنىڭ رەزىللىكىنى كۆز ئالدىمدىن نېرى قىلىڭلار، رەزىللىكنى قىلىشتىن قولۇڭلارنى ئۈزۈڭلار؛
17ياخشىلىق قىلىشنى ئۆگىنىڭلار؛ ئادىللىقنى ئىزدەڭلار، زومىگەرلەرگە تەنبىھ بېرىڭلار، يېتىم‫‪‎-‎‬‬يېسىرلەرنى ناھەقلىقتىن خالاس قىلىڭلار، تۇل خوتۇنلارنىڭ دەۋاسىنى سوراڭلار.
18ئەمدى كېلىڭلار، بىز مۇنازىرە قىلىشايلى، دەيدۇ پەرۋەردىگار، سىلەرنىڭ گۇناھىڭلار قىپ‫‪‎-‎‬‬قىزىل بولسىمۇ، يەنىلا قاردەك ئاقىرىدۇ؛ ئۇلار قىزىل قۇرۇتتەك توق قىزىل بولسىمۇ، يۇڭدەك ئاپئاق بولىدۇ.  
19ئەگەر ئىتائەتمەن بولۇپ، ئاڭلىساڭلار، زېمىندىكى ئېسىل مەھسۇلاتتىن بەھرىمەن بولىسىلەر؛
20بىراق رەت قىلىپ يۈز ئۆرىسەڭلار، قىلىچ بىلەن ئۇجۇقتۇرۇلىسىلەر» ــ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز ئاغزى بىلەن شۇنداق دېگەن.
21سادىق شەھەر قانداقمۇ پاھىشە بولۇپ قالدى!؟ ئەسلىدە ئۇ ئادالەت بىلەن تولغانىدى، ھەققانىيلىق ئۇنى ماكان قىلغانىدى، بىراق ھازىر قاتىللار ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتىدۇ.
22كۈمۈشۈڭ بولسا داشقالغا ئايلىنىپ قالدى، شارابىڭغا سۇ ئارىلىشىپ قالدى؛

Read يەشايا 1يەشايا 1
Compare يەشايا 1:2-22يەشايا 1:2-22