Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يەشايا - يەشايا 1

يەشايا 1:1-9

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئۇززىيا، يوتام، ئاھاز ۋە ھەزەكىيالار يەھۇداغا پادىشاھ بولغان ۋاقىتلاردا، يېرۇسالېم ۋە يەھۇدا توغرىسىدا، ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا كۆرگەن غايىبانە ۋەھىي‫‪‎-‎‬‬ئالامەتلەر‫‪:‬‬ ــ
2«ئى ئاسمانلار، ئاڭلاڭلار! ئى يەر‫‪‎-‎‬‬زېمىن، قۇلاق سال! چۈنكى پەرۋەردىگار سۆز ئېيتتى‫‪:‬‬ ــ «مەن بالىلارنى بېقىپ چوڭ قىلدىم، بىراق ئۇلار ماڭا ئاسىيلىق قىلدى.  
3كالا بولسا ئىگىسىنى تونۇيدۇ، ئېشەكمۇ خوجايىنىنىڭ ئوقۇرىغا ماڭىدىغان يولنى بىلىدۇ، بىراق ئىسرائىل بىلمەيدۇ، ئۆز خەلقىم ھېچ يورۇتۇلغان ئەمەس.
4ئاھ، گۇناھكار «يات ئەل»، قەبىھلىكنى توپلاپ ئۆزىگە يۈكلىگەن خەلق، رەزىللەرنىڭ بىر نەسلى، نىجىس بولۇپ كەتكەن بالىلار! ئۇلار پەرۋەردىگاردىن يىراقلىشىپ، «ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى»نى كۆزىگە ئىلمىدى، ئۇلار كەينىگە ياندى.  
5نېمىشقا يەنە دۇمبالانغۇڭلار كېلىدۇ؟ نېمىشقا ئاسىيلىق قىلىۋېرىسىلەر؟ پۈتۈن باشلىرىڭلار ئاغرىپ، يۈرىكىڭلار پۈتۈنلەي زەئىپلىشىپ كەتتى،
6بېشىڭلاردىن ئايىغىڭلارغىچە ساق يېرىڭلار قالمىدى، پەقەت يارا‫‪‎-‎‬‬جاراھەت، ئىششىق ۋە يىرىڭ بىلەن تولدى، ئۇلار تازىلانمىغان، تېڭىلمىغان ياكى ئۇلارغا ھېچ مەلھەم سۈرۈلمىگەن.
7ۋەتىنىڭلار چۆللەشتى؛ شەھەرلىرىڭلار كۆيۈپ ۋەيرانە بولدى؛ يەر‫‪‎-‎‬‬زېمىنىڭلارنى بولسا، ياتلار كۆز ئالدىڭلاردىلا يۇتۇۋېلىۋاتىدۇ؛ ئۇ ياتلار تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنىپ چۆللىشىپ كەتتى.
8ئەمدى ئۈزۈمزارغا سېلىنغان چەللىدەك، تەرخەمەكلىككە سېلىنغان كەپىدەك، مۇھاسىرىگە چۈشكەن شەھەردەك، زىئوننىڭ قىزى زەئىپ قالدۇرۇلدى.
9ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار بىزگە ئازغىنە «قالدىسى»نى قالدۇرمىغان بولسا، بىز سودوم شەھىرىگە ئوخشاپ قالاتتۇق، گوموررا شەھىرىنىڭ ھالىغا چۈشۈپ قالاتتۇق.  

Read يەشايا 1يەشايا 1
Compare يەشايا 1:1-9يەشايا 1:1-9