Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يەشايا - يەشايا 11

يەشايا 11:3-13

Help us?
Click on verse(s) to share them!
3ئۇنىڭ خۇرسەنلىكى بولسا پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ئىبارەت بولىدۇ؛ ئۇ كۆزى بىلەن كۆرگىنىگە ئاساسەن ھۆكۈم چىقارمايدۇ، ياكى قۇلىقى بىلەن ئاڭلىغىنىغا ئاساسەن كېسىم قىلمايدۇ.
4ئۇ نامراتلارغا ھەققانىيلىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ، يەر يۈزىدىكى مىسكىن‫‪‎-‎‬‬مۆمىنلەر ئۈچۈن ئادالەت بىلەن كېسىم قىلىدۇ. ئۇ جاھاننى ئاغزىدىكى زاكون تايىقى بىلەن ئۇرىدۇ، رەزىللەرنى لەۋلىرىدىن چىققان نەپەسى بىلەن ئۆلتۈرىدۇ.
5ئۇنىڭ بەلۋېغى ھەققانىيلىق، چاتراقلىقى بولسا سادىقلىق بولىدۇ.
6بۆرە بولسا قوزا بىلەن بىللە تۇرىدۇ، يىلپىز ئوغلاق بىلەن بىللە، موزاي، ئارسلان ۋە بورداق كالا بىلەن بىللە ياتىدۇ؛ ئۇلارنى يېتىلىگۈچى كىچىك بىر بالا بولىدۇ.
7كالا ئېيىق بىلەن بىللە ئوزۇقلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ بالىلىرى بىللە يېتىشىدۇ، شىر بولسا كالىدەك سامان يەيدۇ.
8ئەممەيدىغان بالا كوبرا يىلاننىڭ تۆشۈكىگە يېقىن ئوينايدۇ، ئەمچەكتىن ئايرىلغان بالا قولىنى زەھەرلىك يىلاننىڭ ئوۋىسىغا تىقىدۇ؛
9مېنىڭ مۇقەددەس تېغىمنىڭ ھەممە يېرىدە ھېچ زىيانكەشلىك بولمايدۇ؛ ھېچ بۇزغۇنچىلىق بولمايدۇ؛ چۈنكى خۇددى سۇلار دېڭىزنى قاپلىغاندەك، پۈتكۈل جاھان پەرۋەردىگارنى بىلىش‫‪‎-‎‬‬تونۇش بىلەن قاپلىنىدۇ.
10شۇ كۈنىدە «يەسسەنىڭ يىلتىزى» ھەرقايسى ئەل‫‪‎-‎‬‬مىللەتلەر ئۈچۈن تۇغ سۈپىتىدە كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدۇ؛ بارلىق ئەللەر ئۇنى ئىزدەپ كېلىپ يىغىلىدۇ؛ ۋە ئۇ ئارامگاھقا تاللىغان جاي شان‫‪‎-‎‬‬شەرەپكە تولىدۇ.
11شۇ كۈنى رەب ئىككىنچى قېتىم ئۆز خەلقىنىڭ ساقلانغان قالدىسىنى قايتۇرۇش ئۈچۈن، يەنى ئاسۇرىيە، مىسىر، پاتروس، كۇش، ئېلام، شىنار، خامات ۋە دېڭىزدىكى يىراق ئاراللاردىن قايتۇرۇش ئۈچۈن ئۆز قولىنى يەنە ئۇزارتىدۇ.
12ئۇ ئەللەرنى چاقىرىش ئۈچۈن بىر تۇغ كۆتۈرىدۇ؛ شۇنداق قىلىپ ئۇ يەر يۈزىنىڭ چەت‫‪‎-‎‬‬چەتلىرىدىن ئىسرائىلنىڭ غېرىبلىرىنى جەم قىلىپ، يەھۇدادىن تارقىلىپ كەتكەنلەرنى يىغىدۇ.
13شۇنىڭ بىلەن ئەفرائىمغا بولغان ھەسەتخورلۇق يوقايدۇ، يەھۇدانى خارلىغانلارمۇ ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ؛ ئەفرائىم يەھۇداغا ھەسەت قىلمايدۇ، يەھۇدا بولسا ئەفرائىمنى خورلىمايدۇ.

Read يەشايا 11يەشايا 11
Compare يەشايا 11:3-13يەشايا 11:3-13