Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يەشايا - يەشايا 10

يەشايا 10:17-33

Help us?
Click on verse(s) to share them!
17«ئىسرائىلنىڭ نۇرى»نىڭ ئۆزى ئوت، ئۇنىڭدىكى مۇقەددەس بولغۇچى يالقۇن بولىدۇ، ئۇ بىر كۈن ئىچىدە ئۇنىڭ جىغانلىرى ۋە تىكەنلىرىنى كۆيدۈرۈپ، يۇتۇۋالىدۇ.
18ھەم ئۇنىڭ ئورمانزارلىق ۋە باغ‫‪‎-‎‬‬ئېتىزلىرىنىڭ شان‫‪‎-‎‬‬شەرىپىنى، جان ۋە تېنىنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋېتىدۇ؛ ئۇلار بەئەينى جۈدەپ كېتىۋاتقان كېسەل ئادەمدەك بولۇپ قالىدۇ.
19بۇنىڭ بىلەن ئورمانزارلىقتىكى دەرەخلەرنىڭ قېپ قالغىنى شۇنچە ئاز بولىدۇكى، كىچىك بالا ئۇلارنى ساناپ خاتىرىلىيەلەيدۇ.
20شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، ئىسرائىلنىڭ قالدى خەلقى، يەنى ياقۇپنىڭ جەمەتىدىن قېچىپ قايتقانلار ئۆزلىرىنى ئۇرغۇچىغا ئىككىنچى تايانمايدۇ؛ بەلكى ئۇلار ھەقىقەتەن پەرۋەردىگار، يەنى «ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى»غا تايىنىدۇ.
21بەرھەق، بىر «قالدى» قايتىپ كېلىدۇ، يەنى ياقۇپنىڭ «قالدىسى» قۇدرەتلىك تەڭرىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىدۇ.
22ئى ئىسرائىل، خەلقىڭ دېڭىزدىكى قۇمدەك كۆپ بولغىنى بىلەن، پەقەت بىر قالدىسى قايتىدۇ؛ چۈنكى ھەققانىيلىق بىلەن يۈرگۈزۈلگەن، بىر ھالاكەتنىڭ تېشىپ ئۈستۈڭلارغا چۈشۈشى بېكىتىلگەندۇر؛
23چۈنكى بىر ھالاكەتنى ــ بېكىتىلگەن بىر ھالاكەتنى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار پۈتكۈل يەر يۈزىدە ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.  
24شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ‫‪:‬‬ ــ « ــ ئى زىئون تېغىدا تۇرغان خەلقىم، ئاسۇرىيەدىن قورقما! ئۇ سېنى تاياق بىلەن ئۇرىدىغان، ۋە مىسىرلىقلاردەك ساڭا قاراپ ھاسىسىنى كۆتۈرىدىغان بولسىمۇ،
25پەقەت ئازغىنە ۋاقىت ئۆتۈشى بىلەنلا، سىلەرگە قاراتقان مۇشۇ دەرغەزىپىم تۈگەپ، غەزىپىمنى ئۇلارغا ھالاكەت چۈشسۇن دەپ قارىتىمەن.
26ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار بولسا، ئۇلارغا قامچا بىلەن ھۇجۇم قوزغايدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھالى «ئورەبنىڭ قورام تېشى»دا بولغان مىدىيان قىرغىنچىلىقىدەك ھالەتتە بولىدۇ؛ ئۇ ھاسىسىنى دېڭىزغا قارىتىپ، ئۇنى مىسىرلىقلارنىڭ ئۈستىگە كۆتۈرگەندەك كۆتۈرىدۇ؛  
27ئاندىن شۇ كۈنىدە شۇنداق بولىدۇكى، ئۇنىڭ يۈكى مۈرەڭدىن، بويۇنتۇرۇقى بوينۇڭدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ؛ مايلىرىڭ سەۋەبىدىن، بويۇنتۇرۇق سۇندۇرۇپ يوقىتىلىدۇ.
28مانا، ئۇلار ئاياتقا يېتىپ، مىگروندىن ئۆتكەن، مىخماشتا يۈك‫‪‎-‎‬‬تاقلىرىنى قويۇپ قويىدۇ؛
29ئۇلار بوسۇغا‫‪‎-‎‬‬داۋاندىن ئۆتكەن، گېبادا قونۇپ قالىدۇ؛ راماھ تىترەپ كېتىدۇ؛ سائۇلنىڭ يۇرتى گىبېئاھدىكىلەر بولسا قېچىپ كەتكەن؛
30ئى گاللىمنىڭ قىزى، پەريادىڭنى كۆتۈر! ھەي لائىش، ئاڭلاپ قوي! ئى بىچارە ئاناتوت!
31مادمەناھ بولسا قاچتى؛ گېبىمدىكىلەر بەدەر قاچتى؛
32شۇ كۈن ئۆتمىگۈچە ئۇلار نوب دۆڭىدە توختاپ قالىدۇ؛ ئاشۇ يەردە ئۇ زىئون قىزىنىڭ تېغىغا، يەنى يېرۇسالېمدىكى دۆڭگە قاراپ مۇشتىنى ئوينىتىدۇ.
33مانا، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار چوڭ شاخلارنى شىددەت بىلەن كېسىۋېتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئېگىز ئۆسكەنلەر كېسىپ يىقىتىلىدۇ؛ ھالى ئۈستۈنلەر پەسلەشتۈرۈلىدۇ.

Read يەشايا 10يەشايا 10
Compare يەشايا 10:17-33يەشايا 10:17-33