Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يەشايا - يەشايا 10

يەشايا 10:1-29

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1قەبىھلىك قانۇنلىرىنى تۈزگۈچىلەرگە، ئازابلىق پەرمان‫‪‎-‎‬‬ھۆكۈملەرنى يازغۇچىلارغا ۋاي!
2تۇل خوتۇنلارنى ئولجىمىز قىلايلى، يېتىم‫‪‎-‎‬‬يېسىرلارنى بۇلاپ‫‪‎-‎‬‬تالايلى دەپ، ئۇلار مىسكىنلەرگە ئادالەتنى بەرمەي، خەلقىمدىكى ئاجىز‫‪‎-‎‬‬بېچارىلەردىن ھوقۇقنى بۇلاپ كېتىدۇ.
3ھېساب ئالىدىغان كۈنىدە، يەنى يىراقتىن كەلگەن تۇيۇقسىز بالايىئاپەت كۈنىدە، نېمە قىلىسىلەر؟ كىمدىن باشپاناھلىق ئىزدەپ يۈرىسىلەر؟ بايلىق‫‪‎-‎‬‬شۆھرىتىڭلارنى نەگە ئامانەت قويىسىلەر؟
4ئۇلارغا ئەسىرلەر ئارىسىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇشتىن، ياكى ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئارىسىدا يىقىلىشتىن باشقا ھېچنېمە قالمىدى! ھەممىسى شۇنداق بولسىمۇ، ئۇنىڭ غەزىپى يەنىلا يانمايدۇ، سوزغان قولى يەنىلا قايتۇرۇلماي تۇرىدۇ.
5قولىغا غەزىپىمنىڭ توقمىقى تۇتقۇزۇلغان، ئۆزۈمنىڭ دەرغەزىپىمنىڭ تايىقى بولغان ئاسۇرىيەلىككە ۋاي!  
6مەن ئۇنى خۇداسىز بىر «يات ئەل»گە، دەرغەزىپىم قارىتىلغان خەلقىمگە زەربە بېرىشكە ئەۋەتىمەن؛ ئۇنىڭغا ئولجا تۇتۇۋېلىشقا، غەنىيمەتنى بۇلاشقا، خەلقىمنى كوچىلاردىكى لاي‫‪‎-‎‬‬پاتقاقلارنى دەسسىگەندەك دەسسەشكە بۇيرۇيمەن.
7بىراق ئاسۇرىيەلىكنىڭ كۆزدە تۇتقىنى مۇشۇ ئەمەس، ئۇ شۇنداق ھېچ ئويلىغان ئەمەس. ئۇنىڭ ئويلىغىنى ۋەيران قىلىش، كۆپ دۆلەتلەرنى يوقىتىشتىن ئىبارەتتۇر.
8ئۇ‫‪:‬‬ ــ «مېنىڭ سەردارلىرىمنىڭمۇ ھەممىسى پادىشاھلارغا باراۋەر ئەمەسمۇ؟
9كالنو شەھىرى كاركېمىش شەھىرىگە، خامات شەھىرى ئارپاد شەھىرىگە، سامارىيە شەھىرى دەمەشق شەھىرىگە ئوخشاش ئەمەسمۇ؟
10مەبۇدلىرى سامارىيەنىڭ ۋە يېرۇسالېمنىڭكىدىن ئۇلۇغ بولغىنى بىلەن، مېنىڭ قولۇم مۇشۇ مەبۇدقا تەۋە بولغان پادىشاھلىقلارغا ئىگە بولۇشقا يەتكۈدەك تۇرسا،
11سامارىيە ۋە ئۇنىڭ مەبۇدلىرىنى قانداق قىلغان بولسام، يېرۇسالېم ۋە ئۇنىڭ مەبۇدلىرىنى ئوخشاشلا شۇنداق قىلمامدىمەن؟» ــ دەيدۇ.
12بىراق رەب زىئون تېغى ۋە يېرۇسالېمدا پۈتكۈل جازا ئىشىنى پۈتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ‫‪:‬‬ ــ «مەن ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ كۆڭلىدىكى باشباشتاقلىقنىڭ ئاقىۋىتىنى ئۇنىڭغا چۈشۈرىمەن، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىكى كىبىرلىك نەزەرلىرىنى جازالايمەن» دەيدۇ.
13چۈنكى ئۇ‫‪:‬‬ ــ «بۇ ئىشلارنى ئۆز قولۇمنىڭ كۈچى بىلەن، ئۆز دانالىقىم بىلەن مەن قىلغانمەن؛ چۈنكى مەن ئەقىللىقتۇرمەن؛ مەن ئەللەرنىڭ پاسىللىرىنى يوقاتتىم، ئۇلارنىڭ خەزىنىلىرىنى بۇلىۋالدىم، تەختكە ئولتۇرغانلارنى باتۇر كەبى چۈشۈرۈپ تاشلىدىممەن؛
14مەن قولۇمنى بىر قۇش ئۇۋىسىغا ئۇزاتقاندەك ئەللەرنىڭ بايلىقلىرىغا ئۇزاتتىم، بىرسى تاشلىۋېتىلگەن تۇخۇملارنى تەرگەندەك مەن پۈتكۈل دۇنيانى يىغقانمەن؛ ئۇلاردىن ھېچبىرىمۇ قاناتلىرىنى پالاقلاتمىدى، تۇمشۇقىنى ئاچمىدى، ياكى چۇك‫‪‎-‎‬‬چۇك قىلىپ ئاۋاز چىقارمىدى» ــ دەيدۇ.
15پالتا ئۆزىنى ئىشلەتكۈچىسىگە لاپ ئاتسا بولامدۇ؟ ھەرە ھەرىدىگۈچىگە پوچىلىق قىلسا بولامدۇ؟ شۇنداق ئىش ئىكەن، خۇددى تاياق ئۆزىنى كۆتۈرگۈچىسىنى ئوينىتالىسا بولىدىغاندەك، خۇددى ھاسا ياغاچ ئەمەس بولغۇچىنى كۆتۈرگەندەك بولاتتى ئەمەسمۇ؟!
16شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار شۇ ئاسۇرىيەلكنىڭ پالۋانلىرى ئارىسىغا ئورۇقلىتىش كېسىلىنى ئەۋەتىدۇ، ئۇنىڭ شان‫‪‎-‎‬‬شەرىپىنىڭ ئاستىدا لاۋۇلداپ يالقۇنلايدىغان بىر ئوتنى ياقىدۇ.  
17«ئىسرائىلنىڭ نۇرى»نىڭ ئۆزى ئوت، ئۇنىڭدىكى مۇقەددەس بولغۇچى يالقۇن بولىدۇ، ئۇ بىر كۈن ئىچىدە ئۇنىڭ جىغانلىرى ۋە تىكەنلىرىنى كۆيدۈرۈپ، يۇتۇۋالىدۇ.
18ھەم ئۇنىڭ ئورمانزارلىق ۋە باغ‫‪‎-‎‬‬ئېتىزلىرىنىڭ شان‫‪‎-‎‬‬شەرىپىنى، جان ۋە تېنىنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋېتىدۇ؛ ئۇلار بەئەينى جۈدەپ كېتىۋاتقان كېسەل ئادەمدەك بولۇپ قالىدۇ.
19بۇنىڭ بىلەن ئورمانزارلىقتىكى دەرەخلەرنىڭ قېپ قالغىنى شۇنچە ئاز بولىدۇكى، كىچىك بالا ئۇلارنى ساناپ خاتىرىلىيەلەيدۇ.
20شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، ئىسرائىلنىڭ قالدى خەلقى، يەنى ياقۇپنىڭ جەمەتىدىن قېچىپ قايتقانلار ئۆزلىرىنى ئۇرغۇچىغا ئىككىنچى تايانمايدۇ؛ بەلكى ئۇلار ھەقىقەتەن پەرۋەردىگار، يەنى «ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى»غا تايىنىدۇ.
21بەرھەق، بىر «قالدى» قايتىپ كېلىدۇ، يەنى ياقۇپنىڭ «قالدىسى» قۇدرەتلىك تەڭرىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىدۇ.
22ئى ئىسرائىل، خەلقىڭ دېڭىزدىكى قۇمدەك كۆپ بولغىنى بىلەن، پەقەت بىر قالدىسى قايتىدۇ؛ چۈنكى ھەققانىيلىق بىلەن يۈرگۈزۈلگەن، بىر ھالاكەتنىڭ تېشىپ ئۈستۈڭلارغا چۈشۈشى بېكىتىلگەندۇر؛
23چۈنكى بىر ھالاكەتنى ــ بېكىتىلگەن بىر ھالاكەتنى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار پۈتكۈل يەر يۈزىدە ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.  
24شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ‫‪:‬‬ ــ « ــ ئى زىئون تېغىدا تۇرغان خەلقىم، ئاسۇرىيەدىن قورقما! ئۇ سېنى تاياق بىلەن ئۇرىدىغان، ۋە مىسىرلىقلاردەك ساڭا قاراپ ھاسىسىنى كۆتۈرىدىغان بولسىمۇ،
25پەقەت ئازغىنە ۋاقىت ئۆتۈشى بىلەنلا، سىلەرگە قاراتقان مۇشۇ دەرغەزىپىم تۈگەپ، غەزىپىمنى ئۇلارغا ھالاكەت چۈشسۇن دەپ قارىتىمەن.
26ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار بولسا، ئۇلارغا قامچا بىلەن ھۇجۇم قوزغايدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھالى «ئورەبنىڭ قورام تېشى»دا بولغان مىدىيان قىرغىنچىلىقىدەك ھالەتتە بولىدۇ؛ ئۇ ھاسىسىنى دېڭىزغا قارىتىپ، ئۇنى مىسىرلىقلارنىڭ ئۈستىگە كۆتۈرگەندەك كۆتۈرىدۇ؛  
27ئاندىن شۇ كۈنىدە شۇنداق بولىدۇكى، ئۇنىڭ يۈكى مۈرەڭدىن، بويۇنتۇرۇقى بوينۇڭدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ؛ مايلىرىڭ سەۋەبىدىن، بويۇنتۇرۇق سۇندۇرۇپ يوقىتىلىدۇ.
28مانا، ئۇلار ئاياتقا يېتىپ، مىگروندىن ئۆتكەن، مىخماشتا يۈك‫‪‎-‎‬‬تاقلىرىنى قويۇپ قويىدۇ؛
29ئۇلار بوسۇغا‫‪‎-‎‬‬داۋاندىن ئۆتكەن، گېبادا قونۇپ قالىدۇ؛ راماھ تىترەپ كېتىدۇ؛ سائۇلنىڭ يۇرتى گىبېئاھدىكىلەر بولسا قېچىپ كەتكەن؛

Read يەشايا 10يەشايا 10
Compare يەشايا 10:1-29يەشايا 10:1-29