35ئەيسا ئۇلارنىڭ ئۇنى سىناگوگتىن قوغلاپ چىقارغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنى ئىزدەپ تېپىپ: سەن، خۇدانىڭ ئوغلىغا ئېتىقاد قىلامسەن؟ ــ دەپ سورىدى.
36ئۇ جاۋابەن: ــ تەقسىر، ئۇ كىم؟ مەن ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلاي، ــ دېدى.
37ــ سەن ھەم ئۇنى كۆردۈڭ ھەم مانا، ھازىر سەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان دەل شۇنىڭ ئۆزى، ــ دېدى ئەيسا ئۇنىڭغا.