21لېكىن ھازىر قانداقلارچە كۆرەلەيدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى، كۆزلىرىنى كىم ئاچقانلىقىنى بىلمەيمىز. ئۇ چوڭ ئادەم تۇرسا، بۇنى ئۆزىدىن سوراڭلار، ئۇ ئۆزى دەپ بەرسۇن، ــ دەپ جاۋاب بەردى.
22ئاتا-ئانىسىنىڭ شۇنداق دېيىشى يەھۇدىيلاردىن قورققانلىقى ئۈچۈن ئىدى؛ چۈنكى يەھۇدىيلار كىمدەكىم ئەيسانى مەسىھ دەپ ئېتىراپ قىلسا، ئۇ سىناگوگ جامائىتىدىن قوغلاپ چىقىرىلسۇن دەپ قارار قىلغانىدى.
23شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى: «ئۇ چوڭ ئادەم تۇرسا، بۇنى ئۆزىدىن سوراڭلار» دېگەنىدى.
24پەرىسىيلەر ئەسلىدە قارىغۇ بولغان ئادەمنى يەنە چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ خۇداغا شان-شەرەپ بېرىپ قەسەم قىل! بىز بۇ ئادەمنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، ــ دېيىشتى.
25ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ ئۇ گۇناھكارمۇ، ئەمەسمۇ، بىلمەيمەن. بىراق مەن شۇ بىرلا ئىشنى بىلىمەنكى، قارىغۇ ئىدىم، ھازىر كۆرەلەيدىغان بولدۇم.
26ئۇلار ئۇنىڭدىن يەنە بىر قېتىم: ــ ئۇ سېنى قانداق قىلدى؟ كۆزلىرىڭنى قانداق ئاچتى؟ ــ دەپ سوراشتى.
27ئۇ جاۋابەن: ــ سىلەرگە ئاللىقاچان ئېيتتىم، بىراق قۇلاق سالمىدىڭلار. سىلەر نېمە دەپ قايتىدىن ئاڭلاشنى خالاپ قالدىڭلار؟ سىلەرمۇ ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى بولاي دەۋاتامسىلەر؟! ــ دېدى.
28بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئۇنى قاتتىق تىللاپ: ــ سەن ھېلىقىنىڭ مۇخلىسى! بىز بولساق مۇسا پەيغەمبەرنىڭ مۇخلىسلىرىمىز.