8ئاندىن ئۇ يەنە ئېڭىشىپ، يەرگە يېزىشنى داۋاملاشتۇردى.
9ئۇلار بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، ئالدى بىلەن ياشانغانلىرى، ئاندىن قالغانلىرى بىر-بىرلەپ ھەممىسى ئۇ يەردىن چىقىپ كېتىشتى. ئاخىرىدا ئەيسا ئوتتۇرىدا ئۆرە تۇرغان ھېلىقى ئايال بىلەن يالغۇز قالدى.
10ئەيسا رۇسلىنىپ تۇرۇپ، شۇ ئايالدىن باشقا ھېچكىمنى كۆرمىگەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن: خانىم، ساڭا ھېلىقى شىكايەت قىلغانلار قېنى؟ سېنى گۇناھقا بېكىتىدىغان ھېچكىم چىقمىدىمۇ؟ ــ دەپ سورىۋىدى،
11ــ ھەزرەتلىرى، ھېچكىم چىقمىدى، ــ دېدى ئايال. ئەيسا: ــ مەنمۇ سېنى گۇناھقا بېكىتمەيمەن. بارغىن، بۇنىڭدىن كېيىن يەنە گۇناھ قىلمىغىن! ــ دېدى.
12شۇڭا ئەيسا يەنە كۆپچىلىككە سۆز قىلىپ: ــ دۇنيانىڭ نۇرى ئۆزۈمدۇرمەن. ماڭا ئەگەشكەنلەر قاراڭغۇلۇقتا ماڭمايدۇ، ئەكسىچە ھاياتلىق نۇرىغا ئېرىشىدۇ، ــ دېدى.
13پەرىسىيلەر: ــ سەن ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ گۇۋاھلىق بېرىۋاتىسەن. شۇڭا سېنىڭ گۇۋاھلىقىڭ راست ھېسابلانمايدۇ، ــ دېيىشتى.
14ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ ھەتتا مەن ئۆزۈمگە گۇۋاھلىق بەرسەممۇ، گۇۋاھلىقىم ھەقتۇر، چۈنكى مەن ئۆزۈمنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىمنى ۋە قەيەرگە بارىدىغانلىقىمنى بىلىمەن. لېكىن سىلەر قەيەردىن كەلگەنلىكىمنى ۋە قەيەرگە بارىدىغانلىقىمنى بىلمەيسىلەر.