Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يۇھاننا - يۇھاننا 8

يۇھاننا 8:47-58

Help us?
Click on verse(s) to share them!
47خۇدادىن بولغان كىشى خۇدانىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلايدۇ؛ سىلەر ئۇلارنى ئاڭلىمايسىلەر، چۈنكى سىلەر خۇدادىن بولغان ئەمەسسىلەر!
48يەھۇدىيلار ئۇنىڭغا جاۋابەن‫‪:‬‬ ــ ئەجەبا، بىزنىڭ سېنى‫‪:‬‬ «سامارىيەلىك ھەم جىن چاپلاشقان ئادەم»سەن دېگىنىمىز توغرا ئەمەسمۇ؟ ــ دېيىشتى.  
49ئەيسا جاۋابەن‫‪:‬‬ ــ ماڭا جىن چاپلاشقىنى يوق، بەلكى مەن ئاتامنى ھۆرمەت قىلىمەن؛ لېكىن سىلەر ماڭا ھۆرمەتسىزلىك قىلىۋاتىسىلەر.
50مەن ئۆز شان‫‪‎-‎‬‬شەرىپىمنى ئىزدىمەيمەن؛ لېكىن بۇنى ئىزدىگۈچى ھەم ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلغۇچى بىرسى بار.
51بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، مېنىڭ سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامىمنى تۇتىدىغان كىشى ئەبەدىلئەبەد ئۆلۈم كۆرمەيدۇ.
52شۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيلار ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ ساڭا دەرۋەقە جىن چاپلاشقانلىقىنى ئەمدى بىلدۇق! ھەتتا ھەزرىتى ئىبراھىم ۋە پەيغەمبەرلەرمۇ ئۆلگەن تۇرسا، سەن قانداقسىگە‫‪:‬‬ «مېنىڭ سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامىمنى تۇتىدىغان كىشى ئەبەدىلئەبەد ئۆلۈم تېتىمايدۇ» دەيسەن؟
53ئەجەبا، سەن ئاتىمىز ئىبراھىمدىن ئۇلۇغمۇسەن؟ ئۇ ئۆلدى، پەيغەمبەرلەر ھەم ئۆلدى!؟ سەن ئۆزۈڭنى كىم قىلماقچىسەن؟
54ئەيسا جاۋابەن مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ ئەگەر مەن ئۆزۈمنى ئۇلۇغلىسام، ئۇنداقتا ئۇلۇغلۇقۇم ھېچنەرسە ھېسابلانمايتتى. بىراق مېنى ئۇلۇغلىغۇچى ــ سىلەر «ئۇ بىزنىڭ خۇدايىمىز» دەپ ئاتايدىغان ئاتامنىڭ ئۆزىدۇر.
55سىلەر ئۇنى تونۇمىدىڭلار، لېكىن مەن ئۇنى تونۇيمەن. ئۇنى تونۇمايمەن دېسەم، سىلەردەك يالغانچى بولاتتىم؛ بىراق مەن ئۇنى تونۇيمەن ۋە ئۇنىڭ سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامىنى تۇتىمەن.
56ئاتاڭلار ئىبراھىم مېنىڭ كۈنۈمنى كۆرىدىغانلىقىدىن يايراپ‫‪‎-‎‬‬ياشنىدى ھەم دەرۋەقە ئۇنى ئالدىنئالا كۆرۈپ شادلاندى.  
57ــ سەن تېخى ئەللىك ياشقا كىرمەي تۇرۇپ، ئىبراھىمنى كۆردۈڭمۇ؟ ــ دېيىشتى ئۇلار.
58ئەيسا ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئىبراھىم تۇغۇلماستىلا، مەن بار بولغۇچىدۇرمەن! ــ دېدى.

Read يۇھاننا 8يۇھاننا 8
Compare يۇھاننا 8:47-58يۇھاننا 8:47-58