Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يۇھاننا - يۇھاننا 7

يۇھاننا 7:5-22

Help us?
Click on verse(s) to share them!
5چۈنكى ئۇنىڭ ئىنىلىرىمۇ ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلمىغانىدى.
6شۇڭا ئەيسا ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ مېنىڭ ۋاقىت‫‪‎-‎‬‬سائىتىم تېخى كەلمىدى. لېكىن سىلەرگە نىسبەتەن ھەرۋاقىت مۇناسىپتۇر.
7بۇ دۇنيادىكى كىشىلەر سىلەرگە ھەرگىز ئۆچ بولمايدۇ؛ لېكىن مېنى ئۆچ كۆرىدۇ. چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى رەزىل دەپ گۇۋاھلىق بېرىۋاتىمەن.
8سىلەر بۇ ھېيتقا بېرىۋېرىڭلار. مەن ھازىرچە بۇ ھېيتقا بارمايمەن، چۈنكى مېنىڭ ۋاقىت‫‪‎-‎‬‬سائىتىم تېخى يېتىپ كەلمىدى، ــ دېدى.  
9ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلىپ، گالىلىيەدە قالدى.
10ئەيسانىڭ ئىنىلىرى ھېيتقا چىققاندىن كېيىن، ئۇ ئۆزىمۇ ئۇنىڭغا باردى. ئەمما ئاشكارا ئەمەس، يوشۇرۇن باردى.
11ھېيتتا يەھۇدىيلار ئۇنى ئىزدەپ‫‪:‬‬ «ئۇ قەيەردىدۇر؟» دەپ سوراۋاتاتتى.
12كىشىلەر ئارىسىدا ئۇنىڭ توغرىسىدا كۆپ غۇلغۇلا بولدى. بەزىلەر ئۇنى‫‪:‬‬ «ياخشى ئادەم!» دېسە، يەنە بەزىلەر‫‪:‬‬ «ياق، ئۇ خالايىقنى ئازدۇرۇۋاتىدۇ!» دېيىشتى.
13بىراق يەھۇدىي چوڭلىرىدىن قورقۇپ، ھېچكىم ئوچۇق‫‪‎-‎‬‬ئاشكارە ئۇنىڭ گېپىنى قىلمايتتى.  
14ھېيتنىڭ يېرىمى ئۆتكەندە، ئەيسا ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىرىپ خەلققە تەلىم بېرىشكە باشلىدى.
15يەھۇدىيلار‫‪:‬‬ ــ بۇ ئادەم ھېچقانداق تەلىم ئالمىغان تۇرۇقلۇق، ئۇنىڭ قانداقمۇ مۇنچە كۆپ بىلىمى بولسۇن؟ ــ دەپ ھاڭ‫‪‎-‎‬‬تاڭ قېلىشتى.
16ئەيسا ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ بۇ تەلىملەر مېنىڭ ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭكىدۇر.
17ئۇنىڭ ئىرادىسىگە ئەمەل قىلىشقا ئۆز ئىرادىسىنى باغلىغان ھەركىم بۇ تەلىم توغرۇلۇق ــ ئۇنىڭ خۇدادىن كەلگەنلىكىنى ياكى ئۆزلۈكۈمدىن ئېيتىۋاتقانلىقىمنى بىلىدۇ.
18ئۆز ئالدىغا سۆزلىگەن كىشى ئۆز شان‫‪‎-‎‬‬شەرىپىنى ئىزدەيدۇ، لېكىن ئۆزىنى ئەۋەتكۈچىنىڭ شان‫‪‎-‎‬‬شەرىپىنى ئىزدەيدىغان كىشى ھەق‫‪‎-‎‬‬سادىقتۇر، ئۇنىڭدا ھەققانىيسىزلىق يوقتۇر.
19مۇسا پەيغەمبەر سىلەرگە تەۋرات قانۇنىنى تاپشۇرغان ئەمەسمۇ؟ لېكىن ھېچقايسىڭلار بۇ قانۇنغا ئەمەل قىلمايۋاتىسىلەر! نېمىشقا مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولىسىلەر؟ ــ دېدى.  
20كۆپچىلىك‫‪:‬‬ ــ ساڭا جىن چاپلىشىپتۇ! سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان كىم ئىكەن؟ ــ دېيىشتى.  
21ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى‫‪:‬‬ ــ مەن بىر كارامەتنى يارىتىشىم بىلەن ھەممىڭلار ھاڭ‫‪‎-‎‬‬تاڭ قېلىشتىڭلار.
22ــ ئەمدى مۇسا پەيغەمبەر سىلەرگە خەتنە قىلىش توغرۇلۇق ئەمر قالدۇرغان (ئەمەلىيەتتە بولسا خەتنە قىلىش مۇسا پەيغەمبەردىن ئەمەس، ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلاردىن قالغان)، شۇڭا سىلەر شابات كۈنىگە توغرا كېلىپ قالسىمۇ شۇ كۈنىدە ئادەمنىڭ خەتنىسىنى قىلىۋېرىسىلەر.   

Read يۇھاننا 7يۇھاننا 7
Compare يۇھاننا 7:5-22يۇھاننا 7:5-22