Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يۇھاننا - يۇھاننا 7

يۇھاننا 7:36-50

Help us?
Click on verse(s) to share them!
36«مېنى ئىزدەيسىلەر، لېكىن تاپالمايسىلەر. مەن بارىدىغان يەرگە بارالمايسىلەر» دېگىنى نېمىسىدۇ؟ ــ دېيىشتى.
37ھېيتنىڭ ئاخىرقى ھەم ئەڭ كاتتا كۈنى، ئەيسا ئورنىدىن تۇرۇپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن‫‪:‬‬ ــ كىمدەكىم ئۇسسىسا، مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ ئىچسۇن!   
38ماڭا ئېتىقاد قىلغۇچى كىشىنىڭ خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا ئېيتىلغىنىدەك، ئىچ‫‪‎-‎‬‬باغرىدىن ھاياتلىق سۈيىنىڭ دەريالىرى ئېقىپ چىقىدۇ! ــ دەپ جاكارلىدى   
39(ئۇ بۇ سۆزنى ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغانلارغا ئاتا قىلىنىدىغان مۇقەددەس روھقا قارىتا ئېيتقانىدى. خۇدانىڭ روھى تېخى ھېچكىمگە ئاتا قىلىنمىغانمىدى، چۈنكى ئەيسا تېخى شان‫‪‎-‎‬‬شەرىپىگە كىرمىگەنىدى).
40خالايىق ئىچىدە بەزىلەر بۇ سۆزنى ئاڭلاپ‫‪:‬‬ ــ كېلىشى مۇقەررەر بولغان پەيغەمبەر ھەقىقەتەن مۇشۇ ئىكەن!! ــ دېيىشتى.  
41بەزىلەر‫‪:‬‬ «بۇ مەسىھ ئىكەن!» دېيىشەتتى. يەنە بەزىلەر بولسا‫‪:‬‬ «ياق، مەسىھ گالىلىيەدىن كېلەتتىمۇ؟
42مۇقەددەس يازمىلاردا، مەسىھ پادىشاھ داۋۇتنىڭ نەسلىدىن ھەم داۋۇتنىڭ يۇرتى بەيت‫‪‎-‎‬‬لەھەم يېزىسىدىن كېلىدۇ، دېيىلمىگەنمىدى؟» ــ دېيىشتى.
43بۇنىڭ بىلەن، خالايىق ئۇنىڭ ۋەجىدىن ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى.
44بەزىلىرى ئۇنى تۇتايلى دېگەن بولسىمۇ، لېكىن ھېچكىم ئۇنىڭغا قول سالمىدى.
45قاراۋۇللار ئىبادەتخانىدىن باش كاھىنلار بىلەن پەرىسىيلەرنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگەندە، ئۇلار قاراۋۇللارغا‫‪:‬‬ ــ نېمە ئۈچۈن ئۇنى تۇتۇپ كەلمىدىڭلار؟ ــ دەپ سوراشتى.
46قاراۋۇللار‫‪:‬‬ ــ ھېچكىم ھېچقاچان بۇ ئادەمدەك سۆزلىگەن ئەمەس! ــ دەپ جاۋاب بېرىشتى.
47پەرىسىيلەر ئۇلارغا جاۋابەن‫‪:‬‬ ــ سىلەرمۇ ئازدۇرۇلدۇڭلارمۇ؟
48ئاقساقاللاردىن ياكى پەرىسىيلەردىن ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلار بولغانمۇ؟!
49لېكىن تەۋرات قانۇنىنى بىلمەيدىغان بۇ چۈپرەندىلەر لەنەتكە قالىدۇ! ــ دېيىشتى.
50ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىرى، يەنى بۇرۇن ئاخشامدا ئەيسانىڭ ئالدىغا كەلگەن نىكودىم ئۇلارغا‫‪:‬‬

Read يۇھاننا 7يۇھاننا 7
Compare يۇھاننا 7:36-50يۇھاننا 7:36-50