Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يۇھاننا - يۇھاننا 7

يۇھاننا 7:3-15

Help us?
Click on verse(s) to share them!
3شۇڭا ئەيسانىڭ ئىنىلىرى ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ مۇشۇ يەردىن ئايرىلىپ يەھۇدىيەگە بارغىن، شۇنىڭ بىلەن مۇخلىسلىرىڭمۇ كارامەت ئەمەللىرىڭنى كۆرەلەيدۇ!
4چۈنكى ئۆزىنى خەلق‫‪‎-‎‬‬ئالەمگە تونۇتماقچى بولغان ھېچكىم يوشۇرۇن جايدا ئىش قىلمايدۇ. بۇ ئەمەللەرنى قىلىۋاتقانىكەنسەن، ئۆزۈڭنى دۇنياغا كۆرسەت! ــ دېيىشتى.
5چۈنكى ئۇنىڭ ئىنىلىرىمۇ ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلمىغانىدى.
6شۇڭا ئەيسا ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ مېنىڭ ۋاقىت‫‪‎-‎‬‬سائىتىم تېخى كەلمىدى. لېكىن سىلەرگە نىسبەتەن ھەرۋاقىت مۇناسىپتۇر.
7بۇ دۇنيادىكى كىشىلەر سىلەرگە ھەرگىز ئۆچ بولمايدۇ؛ لېكىن مېنى ئۆچ كۆرىدۇ. چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى رەزىل دەپ گۇۋاھلىق بېرىۋاتىمەن.
8سىلەر بۇ ھېيتقا بېرىۋېرىڭلار. مەن ھازىرچە بۇ ھېيتقا بارمايمەن، چۈنكى مېنىڭ ۋاقىت‫‪‎-‎‬‬سائىتىم تېخى يېتىپ كەلمىدى، ــ دېدى.  
9ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلىپ، گالىلىيەدە قالدى.
10ئەيسانىڭ ئىنىلىرى ھېيتقا چىققاندىن كېيىن، ئۇ ئۆزىمۇ ئۇنىڭغا باردى. ئەمما ئاشكارا ئەمەس، يوشۇرۇن باردى.
11ھېيتتا يەھۇدىيلار ئۇنى ئىزدەپ‫‪:‬‬ «ئۇ قەيەردىدۇر؟» دەپ سوراۋاتاتتى.
12كىشىلەر ئارىسىدا ئۇنىڭ توغرىسىدا كۆپ غۇلغۇلا بولدى. بەزىلەر ئۇنى‫‪:‬‬ «ياخشى ئادەم!» دېسە، يەنە بەزىلەر‫‪:‬‬ «ياق، ئۇ خالايىقنى ئازدۇرۇۋاتىدۇ!» دېيىشتى.
13بىراق يەھۇدىي چوڭلىرىدىن قورقۇپ، ھېچكىم ئوچۇق‫‪‎-‎‬‬ئاشكارە ئۇنىڭ گېپىنى قىلمايتتى.  
14ھېيتنىڭ يېرىمى ئۆتكەندە، ئەيسا ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىرىپ خەلققە تەلىم بېرىشكە باشلىدى.
15يەھۇدىيلار‫‪:‬‬ ــ بۇ ئادەم ھېچقانداق تەلىم ئالمىغان تۇرۇقلۇق، ئۇنىڭ قانداقمۇ مۇنچە كۆپ بىلىمى بولسۇن؟ ــ دەپ ھاڭ‫‪‎-‎‬‬تاڭ قېلىشتى.

Read يۇھاننا 7يۇھاننا 7
Compare يۇھاننا 7:3-15يۇھاننا 7:3-15