10ئەيسانىڭ ئىنىلىرى ھېيتقا چىققاندىن كېيىن، ئۇ ئۆزىمۇ ئۇنىڭغا باردى. ئەمما ئاشكارا ئەمەس، يوشۇرۇن باردى.
11ھېيتتا يەھۇدىيلار ئۇنى ئىزدەپ: «ئۇ قەيەردىدۇر؟» دەپ سوراۋاتاتتى.
12كىشىلەر ئارىسىدا ئۇنىڭ توغرىسىدا كۆپ غۇلغۇلا بولدى. بەزىلەر ئۇنى: «ياخشى ئادەم!» دېسە، يەنە بەزىلەر: «ياق، ئۇ خالايىقنى ئازدۇرۇۋاتىدۇ!» دېيىشتى.
13بىراق يەھۇدىي چوڭلىرىدىن قورقۇپ، ھېچكىم ئوچۇق-ئاشكارە ئۇنىڭ گېپىنى قىلمايتتى.
14ھېيتنىڭ يېرىمى ئۆتكەندە، ئەيسا ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىرىپ خەلققە تەلىم بېرىشكە باشلىدى.
15يەھۇدىيلار: ــ بۇ ئادەم ھېچقانداق تەلىم ئالمىغان تۇرۇقلۇق، ئۇنىڭ قانداقمۇ مۇنچە كۆپ بىلىمى بولسۇن؟ ــ دەپ ھاڭ-تاڭ قېلىشتى.
16ئەيسا ئۇلارغا: ــ بۇ تەلىملەر مېنىڭ ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭكىدۇر.
17ئۇنىڭ ئىرادىسىگە ئەمەل قىلىشقا ئۆز ئىرادىسىنى باغلىغان ھەركىم بۇ تەلىم توغرۇلۇق ــ ئۇنىڭ خۇدادىن كەلگەنلىكىنى ياكى ئۆزلۈكۈمدىن ئېيتىۋاتقانلىقىمنى بىلىدۇ.