57ھايات ئاتا مېنى ئەۋەتكەن ۋە مەن ئاتىنىڭ بولغانلىقىدىن ياشاۋاتقىنىمدەك، مېنى يېگۈچى كىشى ھەم مېنىڭ ۋاسىتەم بىلەن ياشايدۇ.
58مانا بۇ ئەرشتىن چۈشكەن ناندۇر. بۇ نان ئاتا-بوۋىلىرىڭلار يېگەن «ماننا»دەك ئەمەس؛ چۈنكى ئۇلار «ماننا»نى يېيىشى بىلەن ئۆلدى؛ بىراق بۇ ناننى ئىستېمال قىلغۇچى بولسا مەڭگۈ ياشايدۇ!
59بۇ سۆزلەرنى ئۇ كەپەرناھۇمدىكى سىناگوگدا تەلىم بەرگىنىدە ئېيتقانىدى.
60شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىدىن نۇرغۇنلىرى بۇنى ئاڭلىغاندا: ــ بۇ تەلىم بەك ئېغىر ئىكەن! بۇنى كىم ئاڭلاپ كۆتۈرەلىسۇن؟ ــ دېيىشتى.
61بىراق ئۆز ئىچىدە مۇخلىسلىرىنىڭ بۇ توغرىسىدا غوتۇلداشقىنىنى بىلگەن ئەيسا ئۇلارغا: ــ بۇ سۆزۈم سىلەرنى تايدۇردىمۇ؟