Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يۇھاننا - يۇھاننا 6

يۇھاننا 6:5-11

Help us?
Click on verse(s) to share them!
5ئەيسا بېشىنى كۆتۈرۈپ، زور بىر توپ خالايىقنىڭ ئۆزىنىڭ ئالدىغا كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، فىلىپتىن‫‪:‬‬ ــ بۇلارغا يەيدىغانغا ناننى نەدىن ئالىمىز؟ ــ دەپ سورىدى
6(لېكىن ئۇ بۇ سۆزنى فىلىپنى سىناش ئۈچۈن ئېيتقانىدى. چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى بىلەتتى).
7فىلىپ جاۋابەن‫‪:‬‬ ــ ئىككى يۈز دىنارغا نان ئالساقمۇ، ھەربىرىگە كىچىككىنە بىر چىشلەمدىن يېيىشكىمۇ يەتمەيدۇ!
8مۇخلىسلاردىن بىرى، يەنى سىمون پېترۇسنىڭ ئىنىسى ئاندرىياس ئەيساغا‫‪:‬‬
9ــ بۇ يەردە كىچىك بىر ئوغۇل بالا بار، ئۇنىڭدا بەش ئارپا نان بىلەن ئىككى كىچىك بېلىق بار. لېكىن شۇنچە كۆپ خەلققە بۇ نېمە بولىدۇ؟! ــ دېدى.
10ئەيسا‫‪:‬‬ ــ كۆپچىلىكنى ئولتۇرغۇزۇڭلار، ــ دېدى (ئۇ يەردە ئوت‫‪‎-‎‬‬چۆپ مول ئۆسكەنىدى). شۇنىڭ بىلەن ئەر كىشىلەر ئولتۇردى؛ ئۇلارنىڭ سانى بەش مىڭچە بار ئىدى.
11ئەيسا نانلارنى قولىغا ئېلىپ، خۇداغا تەشەككۈر ئېيتقاندىن كېيىن، ئولتۇرغانلارغا ئۈلەشتۈرۈپ بەردى. بېلىقلارنىمۇ شۇنداق قىلدى؛ كۆپچىلىك خالىغانچە يېدى.

Read يۇھاننا 6يۇھاننا 6
Compare يۇھاننا 6:5-11يۇھاننا 6:5-11