Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يۇھاننا - يۇھاننا 6

يۇھاننا 6:32-52

Help us?
Click on verse(s) to share them!
32ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، سىلەرگە ئاسماندىن چۈشكەن ناننى بەرگۈچى مۇسا ئەمەس، بەلكى مېنىڭ ئاتامدۇر؛ ئۇ ھازىرمۇ سىلەرگە ئاسماندىن چۈشكەن ھەقىقىي ناننى بېرىۋاتىدۇ.
33چۈنكى خۇدانىڭ نېنى بولسا پۈتكۈل دۇنياغا ھاياتلىق ئاتا قىلىدىغان، ئەرشتىن چۈشكۈچىدۇر.
34ــ تەقسىر، ھەمىشە بىزگە شۇ ناننى بېرىپ تۇرغايسەن! ــ دېيىشتى ئۇلار.
35ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ ھاياتلىق نېنى ئۆزۈمدۇرمەن! مېنىڭ يېنىمغا كەلگەن ھەركىم ھېچقاچان ئاچ قالمايدۇ، ماڭا ئېتىقاد قىلغان ھەركىم ھېچقاچان ئۇسسىمايدۇ.
36لېكىن سىلەرگە ئېيتقىنىمدەك، سىلەر مېنى كۆرگەن بولساڭلارمۇ، ئېتىقاد قىلمايۋاتىسىلەر.
37ئاتا ماڭا تاپشۇرغانلارنىڭ ھەربىرى يېنىمغا كېلىدۇ ۋە مېنىڭ يېنىمغا كەلگەنلەردىن ھېچقايسىسىنى ھەرگىز تاشلىۋەتمەيمەن.
38چۈنكى ئۆز ئىرادەمنى ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەرشتىن چۈشتۈم.
39مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىرادىسى بولسا دەل شۇكى، ئۇنىڭ ماڭا تاپشۇرغانلىرىدىن ھېچبىرىنى يىتتۈرمەي، بەلكى ئاخىرقى كۈنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تىرىلدۈرۈشۈمدىن ئىبارەت.   
40چۈنكى مېنىڭ ئاتامنىڭ ئىرادىسى شۇكى، ئوغۇلغا كۆز تىكىپ قاراپ، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ ھەربىرىنى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشتۈرۈشتۇر؛ ۋە مەن ئاخىرقى كۈنى ئۇلارنى تىرىلدۈرىمەن.
41ئەمدى يەھۇدىيلار ئەيسانىڭ‫‪:‬‬ «ئەرشتىن چۈشكەن نان ئۆزۈمدۇرمەن!» دېگىنى ئۈچۈن ئۇنىڭغا نارازى بولۇپ غوتۇلدىشىشقا باشلىدى‫‪:‬‬
42ــ «بۇ يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئەيسا ئەمەسمۇ؟ ئاتىسىنىمۇ، ئانىسىنىمۇ تونۇيدىغان تۇرساق، يەنە قانداقلارچە‫‪:‬‬ ــ «ئەرشتىن چۈشتۈم!» دېسۇن؟» ــ دېيىشەتتى ئۇلار.
43ئەيسا جاۋابەن ئۇلارغا مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ مېنىڭ توغرامدا ئۆزئارا غوتۇلداشماڭلار.
44مېنى ئەۋەتكەن ئاتا ئۆزى كىشىلەرنىڭ قەلبىنى تارتقۇزمىسا، ھېچكىم مېنىڭ يېنىمغا كېلەلمەيدۇ؛ مېنىڭ يېنىمغا كەلگەن ھەربىرىنى ئاخىرقى كۈنى تىرىلدۈرىمەن.
45پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدا‫‪:‬‬ «ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە خۇدا تەرىپىدىن ئۆگىتىلىدۇ» دەپ پۈتۈلگەندۇر. شۇڭا، ئاتىنىڭ سۆزىنى تىڭشىغان ۋە ئۇنىڭدىن ئۆگەنگەن ھەربىرى مېنىڭ يېنىمغا كېلىدۇ.
46بىراق بۇ بىرەركىم ئاتىنى كۆرگەن دېگەنلىك ئەمەس؛ پەقەت خۇدانىڭ يېنىدىن كەلگۈچى بولسا، ئۇ ئاتىنى كۆرگەندۇر.  
47بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ماڭا ئېتىقاد قىلغۇچى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگىدۇر.
48ھاياتلىق نېنى ئۆزۈمدۇرمەن.
49ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىڭلار چۆللەردە «ماننا» يېگىنى بىلەن يەنىلا ئۆلدى.
50لېكىن مانا، ئەرشتىن چۈشكەن نان دەل شۇنداقكى، بىرسى ئۇنىڭدىن يېگەن بولسا ئۆلمەيدۇ.
51ئەرشتىن چۈشكەن ھاياتلىق نېنى ئۆزۈمدۇرمەن؛ كىمدەكىم بۇ ناندىن يېسە، ئەبەدىلئەبەدگىچە ياشايدۇ. مەن بېرىدىغان شۇ نان بولسا مېنىڭ ئەت‫‪‎-‎‬‬تېنىمدۇر، پۈتكۈل دۇنيادىكىلەر ھاياتقا ئىگە بولسۇن دەپ، مەن ئۇنى ئاتىماقچىمەن.
52بۇ سۆز بىلەن يەھۇدىيلار ئۆزئارا تالاش‫‪‎-‎‬‬تارتىش قىلىشىقا باشلاپ‫‪:‬‬ ــ بۇ ئادەم بىزنىڭ يېيىشىمىزگە ئۆزىنىڭ ئەت‫‪‎-‎‬‬تېنىنى قانداق بېرەلىسۇن؟! ــ دېيىشەتتى.

Read يۇھاننا 6يۇھاننا 6
Compare يۇھاننا 6:32-52يۇھاننا 6:32-52