Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يۇھاننا - يۇھاننا 5

يۇھاننا 5:35-46

Help us?
Click on verse(s) to share them!
35يەھيا بولسا كۆيۈپ نۇر چېچىپ تۇرغان بىر چىراغ ئىدى ۋە سىلەر ئۇنىڭ يورۇقىدا بىر مەزگىل شادلىنىشقا رازى بولدۇڭلار.
36لېكىن يەھيانىڭ مەن ئۈچۈن بەرگەن گۇۋاھلىقىدىنمۇ ئۇلۇغ بىر گۇۋاھلىق بار. ئۇ بولسىمۇ، ئاتا ماڭا ئادا قىلىشقا تاپشۇرغان ئەمەللەر، يەنى مەن قىلىۋاتقان ئەمەللەر، بۇلار مېنىڭ توغرامدا ئاتىنىڭ مېنى ئەۋەتكىنىگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ.   
37ۋە مېنى ئەۋەتكەن ئاتا ئۆزىمۇ مەن ئۈچۈن گۇۋاھلىق بەرگەندۇر. سىلەر ھېچقاچان ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىمىدىڭلار، قىياپىتىنى كۆرمىدىڭلار
38ۋە ئۇنىڭ سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامى سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن ئورۇن ئالمىدى؛ چۈنكى ئۇنىڭ ئەۋەتكىنى بولسا، ئۇنىڭغا ئىشەنمەيسىلەر.
39مۇقەددەس يازمىلارنى قېتىرقېنىپ ئوقۇپ ئولتۇرىسىلەر؛ چۈنكى ئۇلاردىن مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگە بولدۇق، دەپ قارايسىلەر. دەل بۇ يازمىلار مەن ئۈچۈن گۇۋاھلىق بەرگۈچىدۇر.
40شۇنداقتىمۇ سىلەر يەنىلا ھاياتلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن مېنىڭ يېنىمغا كېلىشنى خالىمايسىلەر.
41مەن ئىنسانلارنىڭ ماختىشىنى قوبۇل قىلمايمەن؛
42لېكىن مەن سىلەرنى بىلىمەنكى، ئىچىڭلاردا خۇدانىڭ مۇھەببىتى يوق.
43مەن ئاتامنىڭ نامى بىلەن كەلگەنمەن، ئەمما سىلەر مېنى قوبۇل قىلمايسىلەر. ھالبۇكى، باشقا بىرسى ئۆز نامى بىلەن كەلسە، سىلەر ئۇنى قوبۇل قىلىسىلەر.
44سىلەر بىر‫‪‎-‎‬‬بىرىڭلاردىن ئىززەت‫‪‎-‎‬‬شۆھرەت قوبۇل قىلىسىلەر‫‪‎-‎‬‬يۇ، يېگانە خۇدادىن كەلگەن ئىززەت‫‪‎-‎‬‬شۆھرەتكە ئىنتىلمىسەڭلەر، ئۇنداقتا سىلەر قانداقمۇ ئېتىقاد قىلالايسىلەر؟!
45بىراق مېنى ئۈستىمىزدىن ئاتىغا شىكايەت قىلىدۇ، دەپ ئويلىماڭلار. ئۈستۈڭلاردىن شىكايەت قىلغۇچى مەن ئەمەس، بەلكى سىلەر ئۈمىد باغلىغان مۇسا پەيغەمبەردۇر.
46چۈنكى ئەگەر سىلەر راستتىن مۇسا پەيغەمبەرگە ئىشەنگەن بولساڭلار، ماڭىمۇ ئىشەنگەن بولاتتىڭلار. چۈنكى ئۇ مۇقەددەس يازمىلاردا مەن توغرۇلۇق پۈتكەندۇر.

Read يۇھاننا 5يۇھاننا 5
Compare يۇھاننا 5:35-46يۇھاننا 5:35-46