19شۇڭا ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئوغۇل ئۆزلۈكىدىن ھېچنېمە قىلالمايدۇ، بەلكى پەقەت ئاتىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئاندىن شۇ ئىشنى قىلىدۇ. ئاتا نېمە ئىش قىلسا، ئوغۇلمۇ شۇ ئىشنى ئوخشاشلا قىلىدۇ.
20چۈنكى ئاتا ئوغۇلنى سۆيىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ قىلىدىغان بارلىق ئىشلىرىنى ئۇنىڭغا ئايان قىلىدۇ ھەم سىلەرنى ھەيران قالدۇرۇشقا بۇلاردىن تېخىمۇ زور ۋە ئۇلۇغ ئىشلارنى ئۇنىڭغا ئايان قىلىدۇ.