Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يۇھاننا - يۇھاننا 5

يۇھاننا 5:15-30

Help us?
Click on verse(s) to share them!
15ھېلىقى ئادەم يەھۇدىيلارنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۆزىنى ساقايتقان ئەيسا ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
16ئەيسا بۇ ئىشلارنى شابات كۈنى قىلغانلىقى ئۈچۈن، يەھۇدىيلار ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىشقا باشلىدى.
17لېكىن ئەيسا ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ ئاتام تا ھازىرغىچە توختىماستىن ئىش قىلىپ كەلمەكتە، مەنمۇ ئىشلەيمەن! ــ دېدى.  
18شۇ سەۋەبتىن يەھۇدىيلار ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە تېخىمۇ ئۇرۇناتتى؛ چۈنكى ئۇ شابات كۈنىنىڭ قائىدىسىنى بۇزۇپلا قالماستىن، يەنە خۇدانى «ئاتام» دەپ چاقىرىپ، ئۆزىنى خۇداغا باراۋەر قىلغانىدى.
19شۇڭا ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئوغۇل ئۆزلۈكىدىن ھېچنېمە قىلالمايدۇ، بەلكى پەقەت ئاتىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئاندىن شۇ ئىشنى قىلىدۇ. ئاتا نېمە ئىش قىلسا، ئوغۇلمۇ شۇ ئىشنى ئوخشاشلا قىلىدۇ.
20چۈنكى ئاتا ئوغۇلنى سۆيىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ قىلىدىغان بارلىق ئىشلىرىنى ئۇنىڭغا ئايان قىلىدۇ ھەم سىلەرنى ھەيران قالدۇرۇشقا بۇلاردىن تېخىمۇ زور ۋە ئۇلۇغ ئىشلارنى ئۇنىڭغا ئايان قىلىدۇ.   
21چۈنكى ئۆلگەنلەرنى ئاتا قانداق تىرىلدۈرۈپ، ئۇلارغا ھاياتلىق ئاتا قىلغان بولسا، ئوغۇلمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئۆزى خالىغان كىشىلەرگە ھاياتلىق ئاتا قىلىدۇ.
22شۇنىڭدەك، ئاتا ئۆزى ھېچكىمنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقارمايدۇ، بەلكى بارلىق ھۆكۈم ئىشلىرىنى ئوغۇلغا تاپشۇرغان.
23بۇنىڭدىن مەقسەت، ــ ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئاتىغا ھۆرمەت قىلغاندەك، ئوغۇلغىمۇ ئوخشاشلا ھۆرمەت قىلىشى ئۈچۈندۇر. كىمكى ئوغۇلنى ھۆرمەتلىمىسە، ئۇنى ئەۋەتكۈچى ئاتىنىمۇ ھۆرمەتلىمىگەنلەردىن بولىدۇ.
24ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، سۆزۈمنى ئاڭلاپ، مېنى ئەۋەتكۈچىگە ئىشەنگەن ھەركىم مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەن بولىدۇ؛ ئۇ ئادەم سوراققا تارتىلمايدۇ، بەلكى ئۆلۈمدىن ھاياتلىققا ئۆتكەن بولىدۇ.
25ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئۆلۈكلەرنىڭ خۇدانىڭ ئوغلىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايدىغان ۋاقىت‫‪‎-‎‬‬سائىتى يېتىپ كەلمەكتە، شۇنداقلا ھازىر كەلدىكى، ئاڭلىغانلار ھاياتلىققا ئىگە بولىدۇ.   
26چۈنكى ئاتا ئۆزىدە قانداق ھاياتلىققا ئىگە بولسا، ئوغۇلغىمۇ ئۆزىدە شۇنداق ھاياتلىققا ئىگە بولۇشنى ئاتا قىلدى
27ۋە يەنە ئۇنىڭغا سوراق قىلىش ھوقۇقىنىمۇ بەردى، چۈنكى ئۇ ئىنسانئوغلىدۇر.
28بۇنىڭغا تەئەججۈپ قىلماڭلار؛ چۈنكى بارلىق گۆردە ياتقانلار ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايدىغان ۋاقىت كېلىدۇ
29ۋە ئۇلار شۇئان يەرلىكلىرىدىن چىقىشىدۇ، ياخشىلىق قىلغانلار ھاياتقا تىرىلىدۇ، يامانلىق قىلغانلار سوراققا تارتىلىشقا تىرىلىدۇ.
30مەن ئۆزلۈكۈمدىن ھېچنېمە قىلالمايمەن، پەقەت ئاتامدىن ئاڭلىغىنىم بويىچە ھۆكۈم قىلىمەن؛ ۋە مېنىڭ ھۆكۈمۈم ھەققانىيدۇر، چۈنكى مېنىڭ ئىزدىگىنىم ئۆزۈمنىڭ ئىرادىسى ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتۇر.

Read يۇھاننا 5يۇھاننا 5
Compare يۇھاننا 5:15-30يۇھاننا 5:15-30