Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يۇھاننا - يۇھاننا 4

يۇھاننا 4:9-27

Help us?
Click on verse(s) to share them!
9ئايال ئۇنىڭدىن‫‪:‬‬ ــ ئۆزىڭىز يەھۇدىي تۇرسىڭىز، مەندەك سامارىيەلىك بىر ئايالدىن قانداقلارچە ئىچكىلى سۇ تەلەپ قىلىپ قالدىڭىز؟ ــ دەپ سورىدى (چۈنكى يەھۇدىيلار سامارىيەلىكلەر بىلەن ھېچقانداق باردى‫‪‎-‎‬‬كەلدى قىلمايتتى).  
10ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن‫‪:‬‬ ــ ئەگەر سەن خۇدانىڭ سوۋغىتىنىڭ نېمىلىكى ۋە سەندىن سۇ سورىغۇچىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلسەڭىدى، ئۇنداقتا سەن ئۇنىڭدىن تىلەيتتىڭ ۋە ئۇ ساڭا ھاياتلىق سۈيىنى بېرەتتى.
11ئايال ئۇنىڭدىن‫‪:‬‬ ــ تەقسىر، سۇ تارتقۇدەك ھېچنەرسىڭىز بولمىسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇدۇق چوڭقۇر تۇرسا، ھاياتلىق سۈيىنى نەدىن ئالىسىز؟
12ئەجەبا، بۇ قۇدۇقنى بىزگە مىراس قالدۇرغان ئاتىمىز ياقۇپتىن ئۇلۇغمۇسىز؟ بۇ قۇدۇقتىن ئۆزى، ئوغۇللىرى ۋە مال‫‪‎-‎‬‬ۋارانلىرىمۇ سۇ ئىچكەن ــ دېدى.
13ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن‫‪:‬‬ ــ بۇ سۇنى ئىچكەن ھەركىم يەنە ئۇسسايدۇ.
14ئەمما مەن بېرىدىغان سۇنى ئىچكۈچى ھەركىم مەڭگۈگە ئۇسسىمايدىغان بولىدۇ ۋە بەلكى مەن ئۇنىڭغا بېرىدىغان سۇ ئۇنىڭ ئىچىدە ئۇنى مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېلىپ بارىدىغان، ئۇرغۇپ چىقىدىغان بىر بۇلاق بولىدۇ، ــ دېدى.
15ئايال‫‪:‬‬ ــ تەقسىر، ماڭا بۇ سۇدىن بەرگەيسىزكى، مەن يەنە ئۇسسىمايدىغان ۋە مۇشۇ يەرگە سۇ تارتقىلى ئىككىنچى كەلگۈچى بولمايدىغان بولاي! ــ دېدى.
16ئەيسا‫‪:‬‬ ــ بېرىپ ئېرىڭنى بۇ يەرگە چاقىرىپ كەلگىن، ــ دېدى.
17ــ ئېرىم يوق، ــ دەپ جاۋاب بەردى ئايال. ــ ئېرىم يوق دەپ، راست ئېيتتىڭ.
18چۈنكى بەش ئەرگە تەگدىڭ ۋە ھازىر سەندە بولغىنى سېنىڭ ئېرىڭ ئەمەس. بۇنى توغرا ئېيتتىڭ! ــ دېدى ئەيسا.
19ئايال ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ تەقسىر، ئەمدى كۆردۈمكى، سىز ئەسلىدە پەيغەمبەر ئىكەنسىز!
20ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىمىز بۇ تاغدا ئىبادەت قىلىپ كەلگەن، لېكىن سىلەر يەھۇدىيلار «ئىبادەتنى يېرۇسالېمدا قىلىش كېرەك!» دەۋالىسىلەرغۇ؟ ــ دېدى.  
21ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ خانىم، ماڭا ئىشەنگىن، شۇنداق بىر ۋاقتى‫‪‎-‎‬‬سائىتى كېلىدۇكى، سىلەرنىڭ ئاتىغا ئىبادەت قىلىشىڭلار ئۈچۈن نە بۇ تاغدا ياكى نە يېرۇسالېمدا بولۇشۇڭلارنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ.
22سىلەر ئىبادەت قىلغىنىڭلارنى بىلمەيسىلەر؛ بىراق بىز كىمگە ئىبادەت قىلغىنىمىزنى بىلىمىز. چۈنكى نىجات‫‪‎-‎‬‬قۇتقۇزۇلۇش يەھۇدىيلار ئارقىلىق بولىدۇ.   
23لېكىن شۇنداق بىر ۋاقىت كېلىدۇ ــ ۋە شۇنداقلا ھازىر كەلدىكى، ھەقىقىي ئىبادەت قىلغۇچىلار ئاتىغا روھ ۋە ھەقىقەت بىلەن ئىبادەت قىلىدۇ. ئاتا ئۆزىگە ئەنە شۇنداق ھەقىقىي ئىبادەت قىلغۇچىلارنى ئىزدىمەكتە.
24خۇدا روھتۇر ۋە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلغۇچىلار روھ ۋە ھەقىقەت بىلەن ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشى كېرەكتۇر.
25ئايال ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ مەسىھنىڭ، يەنى «خرىستوس» دېگەننىڭ كېلىدىغانلىقىنى بىلىمەن. ئۇ كەلگەندە، بىزگە ھەممە ئىشلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ ــ دېدى.
26ئەيسا ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ سەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقۇچى مەن دەل شۇدۇرمەن! ــ دېدى.
27شۇ چاغدا ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى قايتىپ كەلدى. ئۇلار ئۇنىڭ بىر ئايال بىلەن سۆزلىشىۋاتقانلىقىغا ھاڭ‫‪‎-‎‬‬تاڭ قېلىشتى؛ لېكىن ھېچقايسىسى ئۇنىڭدىن‫‪:‬‬ «ئۇنىڭدىن نېمە ئىزدەيسەن؟» ياكى «نېمىشقا ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىسەن؟» دەپمۇ سورىمىدى.

Read يۇھاننا 4يۇھاننا 4
Compare يۇھاننا 4:9-27يۇھاننا 4:9-27