Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يۇھاننا - يۇھاننا 4

يۇھاننا 4:26-43

Help us?
Click on verse(s) to share them!
26ئەيسا ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ سەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقۇچى مەن دەل شۇدۇرمەن! ــ دېدى.
27شۇ چاغدا ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى قايتىپ كەلدى. ئۇلار ئۇنىڭ بىر ئايال بىلەن سۆزلىشىۋاتقانلىقىغا ھاڭ‫‪‎-‎‬‬تاڭ قېلىشتى؛ لېكىن ھېچقايسىسى ئۇنىڭدىن‫‪:‬‬ «ئۇنىڭدىن نېمە ئىزدەيسەن؟» ياكى «نېمىشقا ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىسەن؟» دەپمۇ سورىمىدى.
28شۇنىڭ بىلەن ئايال كوزىسىنى تاشلاپ قويۇپ، شەھەرگە قايتىپ بېرىپ، كىشىلەرگە‫‪:‬‬
29ــ يۈرۈڭلار، ھاياتىمدا قىلغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ماڭا ئېيتىپ بەرگەن بىر كىشىنى كۆرۈپ كېلىڭلار. ئەجەبا، مەسىھ شۇمىدۇ؟ ــ دېدى.
30بۇنىڭ بىلەن خالايىق شەھەردىن چىقىپ، ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىشكە باشلىدى.
31شۇ ئارىلىقتا مۇخلىسلىرى ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ ئۇستاز، بىر نەرسە يەۋالساڭچۇ؟ ــ دەپ ئۆتۈنۈشتى.
32لېكىن ئۇ ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ مېنىڭ سىلەر بىلمەيدىغان بىر يېمەكلىكىم بار، ــ دېدى.
33مۇخلىسلار بىر‫‪‎-‎‬‬بىرىگە‫‪:‬‬ ــ ئەجەبا، بىرسى ئۇنىڭغا يېگىلى بىر نەرسە ئەكېلىپ بەرگەنمىدۇ؟ ــ دېيىشتى.
34ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ مېنىڭ يېمەكلىكىم ــ مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ماڭا تاپشۇرغان خىزمىتىنى تاماملاشتۇر.
35ــ سىلەر‫‪:‬‬ «ھوسۇل يېغىشقا يەنە تۆت ئاي قالدى» دەۋاتمامسىلەر؟ مانا، سىلەرگە ئېيتايكى، بېشىڭلارنى كۆتۈرۈپ ئېتىزلارغا قاراڭلار، زىرائەتلەر سارغىيىپ ئورۇشقا تەييار بولدى!   
36ۋە ئورمىچى ئىش ھەققىنى ئالىدۇ ۋە مەڭگۈلۈك ھاياتقا توپلانغان ھوسۇلنى يىغىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تېرىغۇچى بىلەن ئورمىچى تەڭ شادلىنىدۇ.
37چۈنكى بۇ ئىشتا «بىرى تېرىيدۇ، يەنە بىرى يىغىدۇ» دېگەن سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.
38مەن سىلەرنى ئۆزۈڭلار ئەمگەك سىڭدۈرمىگەن ھوسۇلنى يىغىشقا ئەۋەتتىم؛ باشقىلار ئەمگەك قىلدى ۋە سىلەر ئۇلارنىڭ ئەمگىكىنىڭ مېۋىسىنى ئېلىشقا نېسىپ بولدۇڭلار.
39شۇ شەھەردىكى نۇرغۇن سامارىيەلىكلەر ھېلىقى ئايالنىڭ‫‪:‬‬ «ئۇ ھاياتىمدا قىلغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ماڭا ئېيتىپ بەردى» دېگەن گۇۋاھلىق سۆزىنى ئاڭلاپ، ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى.
40شۇڭا، ئۇلار ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭ ئۆزلىرى بىلەن بىللە تۇرۇشىنى ئۆتۈنۈشكىلى تۇردى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇ يەردە ئىككى كۈن تۇردى.
41ئۇنىڭ سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئادەم ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى.
42ئۇلار ئايالغا‫‪:‬‬ ــ بىزنىڭ ئېتىقاد قىلىشىمىز ئەمدى سېنىڭ سۆزلىرىڭ سەۋەبىدىن ئەمەس، چۈنكى ئۆزىمىز ئۇنى ئاڭلىدۇق ۋە بىلدۇقكى، دۇنيانىڭ قۇتقۇزغۇچىسى دەل شۇ كىشىدۇر! ــ دېيىشتى.
43بۇ ئىككى كۈندىن كېيىن ئۇ شۇ يەردىن چىقىپ گالىلىيەگە قاراپ ماڭدى

Read يۇھاننا 4يۇھاننا 4
Compare يۇھاننا 4:26-43يۇھاننا 4:26-43