Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يۇھاننا - يۇھاننا 2

يۇھاننا 2:7-24

Help us?
Click on verse(s) to share them!
7ئەيسا چاكارلارغا‫‪:‬‬ ــ كۈپلەرگە سۇ تولدۇرۇڭلار، ــ دېدى. ئۇلار كۈپلەرنى ئاغزىغىچە تولدۇرۇشتى.
8ئاندىن ئۇ ئۇلارغا يەنە‫‪:‬‬ ــ ئەمدى بۇنىڭدىن ئۇسۇپ توي باشقۇرغۇچىغا بېرىڭلار، ــ دېدى. ئۇلار ئۇنى ئاپىرىپ بەردى.
9توي باشقۇرغۇچى شارابقا ئايلاندۇرۇلغان سۇدىن تېتىپ كۆرگەندە (ئۇ ئۇنىڭ قەيەردىن كەلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلمىدى، ئەمما بۇنى سۇ توشۇغان چاكارلار بىلەتتى) توي باشقۇرغۇچى تويى بولۇۋاتقان يىگىتنى چاقىرىپ،
10ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ ھەربىر توي قىلغۇچى ياخشى شارابنى توينىڭ بېشىدا قۇيىدۇ، ئاندىن مېھمانلار قانغۇچە ئىچكەندىن كېيىن، ناچىرىنى قۇيىدۇ. ئەجەبا، سەن ياخشى شارابنى مۇشۇ چاغقىچە ساقلاپسەن! ــ دېدى.
11بۇ بولسا، ئەيسا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنىڭ دەسلەپكىسى بولۇپ، گالىلىيەنىڭ كانا يېزىسىدا كۆرسىتىلگەنىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ شان‫‪‎-‎‬‬شەرىپىنى ئايان قىلدى، ۋە ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى.
12بۇ ئىشتىن كېيىن ئۇ، ئانىسى، ئىنىلىرى ۋە مۇخلىسلىرى بىلەن كەپەرناھۇم شەھىرىگە چۈشۈپ، ئۇ يەردە بىرنەچچە كۈن تۇردى.
13يەھۇدىيلارنىڭ «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»غا يېقىن قالغاندا، ئەيسا يېرۇسالېمغا باردى.
14ئۇ ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدا كالا، قوي ۋە كەپتەر‫‪‎-‎‬‬پاختەك ساتقۇچىلارنى ھەم ئۇ يەردە ئولتۇرغان پۇل تېگىشكۈچىلەرنى كۆردى.   
15ئۇ تانىدىن قامچا ياساپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى قوي‫‪‎-‎‬‬كالىلىرى بىلەن قوشۇپ ئىبادەتخانىدىن ھەيدەپ چىقاردى. پۇل تېگىشكۈچىلەرنىڭ پۇللىرىنى چېچىپ، شىرەلىرىنى ئۆرۈۋەتتى
16ۋە پاختەك‫‪‎-‎‬‬كەپتەر ساتقۇچىلارغا‫‪:‬‬ ــ بۇ نەرسىلەرنى بۇ يەردىن ئېلىپ كېتىش! ئاتامنىڭ ئۆيىنى سودا‫‪‎-‎‬‬سېتىق ئۆيى قىلىشىۋالما! ــ دېدى.
17بۇنى كۆرگەن مۇخلىسلىرى زەبۇردا مۇنداق پۈتۈلگىنىنى ئېسىگە ئېلىشتى‫‪:‬‬ «سېنىڭ مۇقەددەس ئۆيۈڭگە بولغان ئوتلۇق مۇھەببىتىم ئۆزۈمنى چۇلغىۋالدى!».  
18شۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيلار ئۇ ئىشلارغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ ئۇنىڭدىن‫‪:‬‬ ــ بۇنداق ئىشلارنى قىلغانىكەنسەن، قېنى، بىزگە نېمە مۆجىزىلىك ئالامەتنى كۆرسىتىپ بېرىسەن؟! ــ دەپ سورىدى.
19ئەيسا ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ‫‪:‬‬ ــ ئۇشبۇ ئىبادەتخانىنى چۇۋۇۋەتسەڭلار، مەن ئۈچ كۈن ئىچىدە ئۇنى يېڭىۋاشتىن قۇرۇپ چىقىمەن، ــ دېدى.  
20شۇنىڭ بىلەن بۇ يەھۇدىيلار يەنە ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ بۇ ئىبادەتخانىنى ياساۋاتقىلى ھازىرغىچە قىرىق ئالتە يىل بولغان تۇرسا، سەن ئۇنى قانداقسىگە ئۈچ كۈندىلا قۇرۇپ چىقالايسەن؟! ــ دېدى.
21ھالبۇكى، ئۇنىڭ «ئىبادەتخانا» دېگىنى ئۇنىڭ ئۆز تېنىنى كۆرسەتكەنىدى.
22شۇڭا، ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلگەندىن كېيىن، مۇخلىسلىرى ئۇنىڭ بۇ دېگىنىنى ئېسىگە ئالدى ۋە شۇنداقلا مۇقەددەس يازمىلاردىكى بۇ ھەقتىكى بېشارەتكە ھەمدە ئەيسانىڭ ئېيتقان سۆزىگە ئىشەندى.
23ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ يېرۇسالېمدا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ نامىغا ئېتىقاد قىلىشتى.
24لېكىن ئەيسا پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ قەلبىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە، ئۆزىنى ئۇلارغا تاپشۇرمايتتى.

Read يۇھاننا 2يۇھاننا 2
Compare يۇھاننا 2:7-24يۇھاننا 2:7-24