Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يۇھاننا - يۇھاننا 21

يۇھاننا 21:6-16

Help us?
Click on verse(s) to share them!
6ئەيسا ئۇلارغا ــ تورنى كېمىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە تاشلاڭلار، شۇنداق قىلساڭلار تۇتىسىلەر، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تورنى شۇ ياققا تاشلاپ، شۇنداق كۆپ بېلىق تۇتتىكى، ھەتتا تورنى تارتىپ چىقىرالماي قالدى.  
7ئەيسا سۆيگەن مۇخلىس پېترۇسقا‫‪:‬‬ ــ بۇ رەبقۇ! ــ دېدى. سىمون پېترۇس ئۇنىڭ ئەيسا ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، تونىنى ئۆزىگە يۆگەپ (چۈنكى بېلىنىڭ ئاستى يالىڭاچ ئىدى) ئۆزىنى دېڭىزغا تاشلىدى.
8قىرغاقتىن ئانچە يىراق ئەمەس بولۇپ، تەخمىنەن ئىككى يۈز گەز يىراقلىقتا بولغاچقا، قالغان مۇخلىسلار بېلىق بىلەن تولغان تورنى تارتىپ كىچىك كېمىسى بىلەن قىرغاققا كەلدى.
9ئۇلار قىرغاققا چىققاندا، شاخاردىن يېقىلغان، ئۈستىدە بېلىق قويۇقلۇق گۈلخاننى ۋە ناننى كۆردى.
10ئەيسا‫‪:‬‬ ــ ئەمدى تۇتقان بېلىقىڭلاردىن ئەكېلىڭلار، ــ دېدى.
11سىمون پېترۇس كېمىگە چىقىپ، تورنى قىرغاققا تارتىپ چىقاردى. تور چوڭ بېلىقلار بىلەن تولغان بولۇپ، جەمئىي بىر يۈز ئەللىك ئۈچ بېلىق بار ئىدى. بېلىق شۇنچە كۆپ بولغىنى بىلەن، تور يىرتىلمىغانىدى.
12ئەيسا‫‪:‬‬ ــ كېلىڭلار، ناشتا قىلىڭلار، ــ دېدى. مۇخلىسلارنىڭ ئىچىدىن ھېچكىم ئۇنىڭدىن‫‪:‬‬ ــ سەن كىم بولىسەن؟ ــ دەپ سوراشقا پېتىنالمىدى. چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ رەب ئىكەنلىكىنى بىلدى.
13ئەيسا ناننى ئەكىلىپ ئۇلارغا بەردى ھەم بېلىقلارنىمۇ شۇنداق قىلدى.
14مانا بۇ ئەيسانىڭ ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىپ، ئۆزىنى مۇخلىسلىرىغا ئۈچىنچى قېتىم ئايان قىلىشى ئىدى.
15ئۇلار ناشتا قىلغاندىن كېيىن، ئەيسا سىمون پېترۇستىن‫‪:‬‬ ــ يۇنۇسنىڭ ئوغلى سىمون، سەن مېنى بۇلاردىنمۇ چوڭقۇر سۆيەمسەن؟ ــ دەپ سورىدى. ــ شۇنداق رەب، مېنىڭ سېنى سۆيىدىغانلىقىمنى سەن بىلىسەن! ــ دېدى پېترۇس. ئەيسا ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ئۇنداقتا، قوزىلىرىمنى ئوتلىتىپ باق! ــ دېدى.
16ئۇ ئىككىنچى قېتىم يەنە ئۇنىڭدىن‫‪:‬‬ ــ يۇنۇسنىڭ ئوغلى سىمون، مېنى سۆيەمسەن؟ ــ دەپ سورىدى. پېترۇس يەنە‫‪:‬‬ ــ شۇنداق، رەب، مېنىڭ سېنى سۆيىدىغانلىقىمنى بىلىسەن، ــ دېدى. ئەيسا ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ ئۇنداقتا، قويلىرىمنى باق، ــ دېدى.

Read يۇھاننا 21يۇھاننا 21
Compare يۇھاننا 21:6-16يۇھاننا 21:6-16