Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يۇھاننا - يۇھاننا 21

يۇھاننا 21:18-25

Help us?
Click on verse(s) to share them!
18بەرھەق، بەرھەق، ساڭا شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ياش ۋاقتىڭدا بېلىڭنى ئۆزۈڭ باغلاپ، قەيەرگە باراي دېسەڭ شۇ يەرگە ماڭاتتىڭ؛ لېكىن ياشانغاندا، قوللىرىڭنى ئۇزىتىسەن ۋە باشقا بىرسى سېنى باغلاپ، سەن خالىمايدىغان يەرگە ئېلىپ كېتىدۇ، ــ دېدى.  
19ئەيسا بۇ سۆزنى پېترۇسنىڭ قانداق ئۆلۈش ئارقىلىق خۇداغا شان‫‪‎-‎‬‬شەرەپ كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئېيتتى. ئاندىن، ئۇنىڭغا يەنە‫‪:‬‬ ــ ماڭا ئەگەشكۈچى بولغىن، ــ دېدى.
20پېترۇس كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئەيسا سۆيىدىغان مۇخلىسنىڭ ئەگىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى (بۇ مۇخلىس كەچلىك تاماقتا ئەيسانىڭ قۇچىقىغا يۆلىنىپ‫‪:‬‬ «ئى رەب، سېنى تۇتۇپ بېرىدىغان كىمدۇ؟» دەپ سورىغان مۇخلىس ئىدى).   
21پېترۇس ئۇنى كۆرۈپ، ئەيسادىن‫‪:‬‬ ــ ئى رەب، بۇ ئادەم كېيىن قانداق بولار؟ ــ دەپ سورىدى.
22ئەيسا ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ ئەگەر مەن قايتا كەلگۈچە ئۇنىڭ تۇرۇپ قېلىشىنى خالىساممۇ، سېنىڭ بۇنىڭ بىلەن نېمە كارىڭ؟! ماڭا ئەگەشكۈچى بولغىن، ــ دېدى.
23بۇنىڭ بىلەن قېرىنداشلار ئارىسىدا «ھېلىقى مۇخلىس ئۆلمەيدۇ» دېگەن گەپ تارقالدى. لېكىن ئەيسا پېترۇسقا‫‪:‬‬ «ئۇ ئۆلمەيدۇ» دېمىگەنىدى، بەلكى پەقەت‫‪:‬‬ «ئەگەر مەن قايتا كەلگۈچە ئۇنىڭ تۇرۇپ قېلىشىنى خالىساممۇ، سېنىڭ بۇنىڭ بىلەن نېمە كارىڭ؟!» دېگەنىدى.
24بۇ ئىشلارغا گۇۋاھلىق بەرگۈچى ھەمدە بۇ ئىشلارنى خاتىرىلىگۈچى ئەنە شۇ مۇخلىستۇر. ئۇنىڭ گۇۋاھلىقىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلىمىز.
25ئەيسا بۇلاردىن باشقا نۇرغۇن ئىشلارنىمۇ قىلغانىدى؛ ئەگەر ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر‫‪‎-‎‬‬بىرلەپ يېزىلغان بولسا، مېنىڭچە يېزىلغان كىتابلار پۈتكۈل ئالەمنىڭ ئۆزىگە سىغمايتتى!

Read يۇھاننا 21يۇھاننا 21
Compare يۇھاننا 21:18-25يۇھاننا 21:18-25