15ئۇلار ناشتا قىلغاندىن كېيىن، ئەيسا سىمون پېترۇستىن: ــ يۇنۇسنىڭ ئوغلى سىمون، سەن مېنى بۇلاردىنمۇ چوڭقۇر سۆيەمسەن؟ ــ دەپ سورىدى. ــ شۇنداق رەب، مېنىڭ سېنى سۆيىدىغانلىقىمنى سەن بىلىسەن! ــ دېدى پېترۇس. ئەيسا ئۇنىڭغا: ئۇنداقتا، قوزىلىرىمنى ئوتلىتىپ باق! ــ دېدى.
16ئۇ ئىككىنچى قېتىم يەنە ئۇنىڭدىن: ــ يۇنۇسنىڭ ئوغلى سىمون، مېنى سۆيەمسەن؟ ــ دەپ سورىدى. پېترۇس يەنە: ــ شۇنداق، رەب، مېنىڭ سېنى سۆيىدىغانلىقىمنى بىلىسەن، ــ دېدى. ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ئۇنداقتا، قويلىرىمنى باق، ــ دېدى.