3ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ــ ياشىغايلا، ئى يەھۇدىيلارنىڭ «پادىشاھى!» ــ دەپ مەسخىرە قىلىشىپ، ئۇنىڭ يۈزىگە قايتا-قايتا كاچات سالدى.
4پىلاتۇس بولسا يەنە ئوردىسىدىن چىقىپ، خالايىققا: ــ مانا! ئۇنىڭدىن ھېچقانداق جىنايەت تاپالمىغانلىقىمنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇنى سىلەرنىڭ ئالدىڭلارغا ئېلىپ چىقتىم، ــ دېدى.
5بۇنىڭ بىلەن ئەيسا بېشىغا تىكەنلىك تاج ۋە ئۇچىسىغا سۆسۈن تون كىيگۈزۈلگەن ھالدا تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىلدى. پىلاتۇس ئۇلارغا: ــ قاراڭلار، ئۇ ئادەمگە! ــ دېدى.
6باش كاھىنلار ۋە قاراۋۇللار ئۇنى كۆرۈپ: ــ ئۇنى كرېستلەڭ، كرېستلەڭ! ــ دەپ ۋارقىراشتى. پىلاتۇس ئۇلارغا: ــ ئۇنى ئېلىپ بېرىپ ئۆزۈڭلار كرېستلەڭلار! چۈنكى مەن ئۇنىڭدىن ھېچقانداق جىنايەت تاپالمىدىم! ــ دېدى.