25ئەيسانىڭ كرېستىنىڭ يېنىدا ئانىسى، ئانىسىنىڭ سىڭلىسى، كلوپاسنىڭ ئايالى مەريەم ۋە ماگداللىق مەريەملەر تۇراتتى.
26ئەيسا ئانىسى بىلەن ئۆزى سۆيىدىغان مۇخلىسىنىڭ بىرگە تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئانىسىغا: ــ ئى خانىم، مانا سېنىڭ ئوغلۇڭ! ــ دېدى.
27ئاندىن ئۇ بۇ مۇخلىسقا: ــ مانا سېنىڭ ئاناڭ! ــ دېدى. شۇندىن ئېتىبارەن، ئۇ مۇخلىس ئۇنى ئۆزىنىڭ ئۆيىدە تۇرغۇزدى.