Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يۇھاننا - يۇھاننا 17

يۇھاننا 17:2-19

Help us?
Click on verse(s) to share them!
2يەنى، ئۇنىڭ سەن ئۇنىڭغا تاپشۇرغان ئىنسانلارغا مەڭگۈلۈك ھايات ئاتا قىلىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا پۈتكۈل ئەت ئىگىلىرىدىن ئۈستۈن ھوقۇق ئاتا قىلغىنىڭدەك، ئۇنى ئۇلۇغلاتقۇزغايسەن.  
3مەڭگۈلۈك ھايات شۇكى، بىردىنبىر ھەقىقىي خۇدا ــ سېنى ۋە سەن ئەۋەتكەن ئەيسا مەسىھنى تونۇشتىن ئىبارەتتۇر.
4مەن سېنىڭ ئەمەل قىلىشىم ئۈچۈن تاپشۇرغان ئىشىڭنى ئورۇندىشىم بىلەن سېنى يەر يۈزىدە ئۇلۇغلاتقۇزدۇم.
5ئى ئاتا، سېنىڭ ئالەم ئاپىرىدە بولۇشتىن بۇرۇن مەن ئۆزۈڭنىڭ يېنىڭدا ئىگە بولغان شان‫‪‎-‎‬‬شەرەپ بىلەن مېنى ئۆزۈڭنىڭ يېنىڭدا ئۇلۇغلاتقۇزغايسەن.  
6سەن بۇ دۇنيادىن ماڭا تاللاپ بەرگەن ئادەملەرگە سېنىڭ نامىڭنى ئايان قىلدىم. ئۇلار سېنىڭكى ئىدى، سەن ئۇلارنى ماڭا بەردىڭ ۋە ئۇلار سېنىڭ سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامىڭنى تۇتۇپ كەلدى.
7ئۇلار ھازىر سەن ماڭا بەرگەن ھەممە نەرسىلەرنىڭ سېنىڭدىن كەلگەنلىكىنى بىلدى.
8چۈنكى سەن ماڭا تاپشۇرغان سۆزلەرنى ئۇلارغا يەتكۈزدۈم؛ ئۇلارمۇ بۇلارنى قوبۇل قىلدى، شۇنىڭ بىلەن سەندىن چىققىنىمنى ھەقىقەتەن بىلىپ يەتتى ھەمدە سېنىڭ مېنى ئەۋەتكەنلىكىڭگىمۇ ئىشەندى.
9بۇلارغا دۇئا قىلىمەن؛ بۇ دۇنيادىكى ئادەملەرگە ئەمەس، بەلكى سەن ماڭا بەرگەن ئادەملەرگە دۇئا قىلىمەن؛ چۈنكى ئۇلار سېنىڭكىدۇر.
10مېنىڭ بارلىقىم سېنىڭكىدۇر ۋە سېنىڭ بارلىقىڭ بولسا مېنىڭكىدۇر ۋە مەن ئۇلاردا شەرەپ تاپتىم.  
11مەن ئەمدى بۇ دۇنيادا تۇرىۋەرمەيمەن؛ لېكىن ئۇلار بۇ دۇنيادا قالدى ۋە مەن سېنىڭ يېنىڭغا كېتىۋاتىمەن. ئى مۇقەددەس ئاتا، سەن ماڭا بەرگەن نامىڭ ئارقىلىق ئۇلارنى ساقلىغىنكى، بىز ئىككىمىز بىر بولغىنىمىزدەك، ئۇلارمۇ بىر بولغاي.
12مەن ئۇلار بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىمدا، سەن ماڭا بەرگەن نامىڭ بىلەن ئۇلارنى ساقلىدىم ھەم قوغدىدىم؛ ۋە مۇقەددەس يازمىلاردىكى بېشارەتنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى يولىدا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ھالاكەتكە خاس بولغان كىشىدىن باشقا بىرىمۇ يوقالمىدى.   
13مانا ئەمدى سېنىڭ يېنىڭغا بارىمەن. مېنىڭ شادلىقىم ئۇلاردا تولۇپ تاشسۇن دەپ، بۇ سۆزلەرنى دۇنيادىكى ۋاقتىمدا سۆزلىدىم.
14مەن ئۇلارغا سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامىڭنى تاپشۇردۇم. مەن بۇ دۇنيادىن بولمىغىنىمدەك، ئۇلارمۇ بۇ دۇنيادىن بولمىغىنى ئۈچۈن، بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى ئۇلاردىن نەپرەتلىنىدۇ.   
15ئۇلارنى بۇ دۇنيادىن ئايرىۋەتكەيسەن دەپ تىلىمەيمەن، بەلكى ئۇلارنى رەزىل بولغۇچىدىن ساقلىغايسەن، دەپ تىلەيمەن.
16مەن بۇ دۇنيادىن بولمىغىنىمدەك، ئۇلارمۇ بۇ دۇنيادىن ئەمەستۇر.
17ئۇلارنى ھەقىقەت ئارقىلىق ئۆزۈڭگە مۇقەددەس قىلىپ ئاتىغۇزغايسەن، چۈنكى سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامىڭ ھەقىقەتتۇر.   
18سەن مېنى دۇنياغا ئەۋەتكىنىڭدەك، مەنمۇ ئۇلارنى دۇنياغا ئەۋەتتىم.
19ئۇلارمۇ ھەقىقەتتە مۇقەددەس قىلىنىپ ئۆزۈڭگە ئاتالسۇن دەپ، ئۆزۈمنى ساڭا خاس ئاتايمەن.  

Read يۇھاننا 17يۇھاننا 17
Compare يۇھاننا 17:2-19يۇھاننا 17:2-19