Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يۇھاننا - يۇھاننا 13

يۇھاننا 13:1-17

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدىن ئىلگىرى، ئەيسا بۇ دۇنيادىن ئايرىلىپ، ئاتىنىڭ يېنىغا بارىدىغان ۋاقىت‫‪‎-‎‬‬سائەتنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدى ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ دۇنيادىكى ئۆز ئادەملىرىگە كۆرسىتىپ كەلگەن مېھىر‫‪‎-‎‬‬مۇھەببىتىنى ئاخىرغىچە تولۇق كۆرسىتىپ تۇردى.  
2ئەمدى كەچلىك تاماق يېيىلىۋاتقانىدى؛ ئىبلىس ئاللىبۇرۇن سىموننىڭ ئوغلى يەھۇدا ئىشقارىيوتنىڭ كۆڭلىگە ئەيساغا ساتقۇنلۇق قىلىش ۋەسۋەسىسىنى سالغانىدى.
3ئەيسا ئاتىنىڭ ھەر ئىشنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرغىنىنى، ۋە ئۆزىنىڭ خۇدانىڭ يېنىدىن كېلىپ، خۇدانىڭ يېنىغا قايتىدىغانلىقىنى بىلگەچكە،
4داستىخاندىن تۇرۇپ، تون‫‪‎-‎‬‬كۆڭلىكىنى يېشىپ، بىر لۆڭگە بىلەن بېلىنى باغلىدى.
5ئاندىن جاۋۇرغا سۇ قۇيۇپ، مۇخلىسلارنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇشقا ۋە بېلىگە باغلىغان لۆڭگە بىلەن سۈرتۈپ قۇرۇتۇشقا باشلىدى.
6نۆۋەت سىمون پېترۇسقا كەلگەندە، پېترۇس ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ ئى رەب، پۇتۇمنى سەن يۇساڭ قانداق بولغىنى؟! ــ دېدى.
7ئەيسا ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ نېمە قىلىۋاتقىنىمنى ھازىر بىلمەيسەن، لېكىن كېيىن بىلىسەن، ــ دېدى.
8پېترۇس‫‪:‬‬ ــ سەن مېنىڭ پۇتۇمنى يۇساڭ ھەرگىز بولمايدۇ! ــ دېدى. ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن‫‪:‬‬ ــ سېنى يۇمىسام، مېنىڭ بىلەن تەڭ نېسىۋەڭ بولمايدۇ، ــ دېدى.
9سىمون پېترۇس‫‪:‬‬ ــ ئى رەب، ئۇنداقتا پەقەت پۇتلىرىمنىلا ئەمەس، قوللىرىمنىمۇ، بېشىمنىمۇ يۇغايسەن! ــ دېدى.
10ئەيسا ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ بەدىنى يۇيۇلۇپ، تامامەن پاكىز بولغان ئادەم پەقەت پۇتلىرىنى يۇسىلا قايتا يۇيۇنۇشىنىڭ ھاجىتى بولمايدۇ. سىلەر پاكىز، لېكىن ھەممىڭلار ئەمەس، ــ دېدى   
11(چۈنكى ئۇ ئۆزىنى كىمنىڭ تۇتۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلەتتى؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ «ھەممىڭلارلا پاكىز ئەمەس» دېگەنىدى).
12شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، تون‫‪‎-‎‬‬كۆڭلىكىنى كىيىپ، يەنە داستىخانغا ئولتۇرۇپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ سىلەرگە نېمە قىلغىنىمنى ئۇقتۇڭلارمۇ؟
13سىلەر مېنى «ئۇستاز» ۋە «رەب» دەيسىلەر ۋە راست ئېيتىسىلەر، مەن شۇنداقتۇرمەن.
14ئەگەر مەن رەب ۋە ئۇستازىڭلار تۇرۇقلۇق، پۇتلىرىڭلارنى يۇغانىكەنمەن، سىلەرمۇ بىر‫‪‎-‎‬‬بىرىڭلارنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇشۇڭلار كېرەك.   
15مەن سىلەرگە قىلغاندەك سىلەرنىڭمۇ ھەم شۇنداق قىلىشىڭلار ئۈچۈن بۇ ئۈلگىنى قالدۇردۇم.
16بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، قۇل خوجايىنىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ، ئەلچىمۇ ئۆزىنى ئەۋەتكۈچىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ.
17بۇ ئىشلارنى بىلگەنىكەنسىلەر، شۇنداق قىلساڭلار بەختلىكسىلەر!

Read يۇھاننا 13يۇھاننا 13
Compare يۇھاننا 13:1-17يۇھاننا 13:1-17