Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ماركۇس - ماركۇس 8

ماركۇس 8:11-38

Help us?
Click on verse(s) to share them!
11پەرىسىيلەر چىقىپ، ئۇنى سىناش مەقسىتىدە ئۇنىڭدىن بىزگە ئاسماندىن بىر مۆجىزىلىك ئالامەت كۆرسەتسەڭ، دەپ تەلەپ قىلىشىپ، ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلەشكىلى تۇردى.   
12ئۇ ئىچىدە بىر ئۇلۇغ‫‪‎-‎‬‬كىچىك تىنىپ‫‪:‬‬ ــ بۇ دەۋر نېمىشقا بىر «مۆجىزىلىك ئالامەت»نى ئىستەپ يۈرىدۇ؟ شۇنى سىلەرگە بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، بۇ دەۋرگە ھېچقانداق مۆجىزىلىك ئالامەت كۆرسىتىلمەيدۇ، ــ دېدى.   
13ئاندىن ئۇلاردىن ئايرىلىپ، يەنە كېمىگە چىقىپ، دېڭىزنىڭ ئۇ چېتىگە ئۆتۈپ كەتتى.
14مۇخلىسلار نان ئېلىپ كېلىشنى ئۇنتۇغان بولۇپ، كېمىدە بىر تال ناندىن باشقا يەيدىغىنى يوق ئىدى.
15ئۇ ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ‫‪:‬‬ ــ ئېھتىيات قىلىڭلار، پەرىسىيلەرنىڭ ئېچىتقۇسى ۋە ھېرودنىڭ ئېچىتقۇسىدىن ھېزى بولۇڭلار، ــ دېدى.  
16مۇخلىسلار ئۆزئارا مۇلاھىزىلىشىپ‫‪:‬‬ ــ ئۇنىڭ بۇنداق دېيىشى نان ئەكەلمىگەنلىكىمىزدىن بولسا كېرەك، ــ دېيىشتى.
17ئەيسا ئۇلارنىڭ نېمە دېيىشىۋاتقانلىقىنى بىلىپ‫‪:‬‬ ــ نېمىشقا نان يوقلۇقى توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلىسىلەر؟ سىلەر تېخىچە پەم‫‪‎-‎‬‬پاراسەت ياكى چۈشەنچىگە ئىگە بولمىدىڭلارمۇ؟ قەلبلىرىڭلار تېخىمۇ بىخۇدلىشىپ كېتىۋاتامدۇ؟
18كۆزۈڭلار تۇرۇپ كۆرمەيۋاتامسىلەر؟ قۇلىقىڭلار تۇرۇپ ئاڭلىمايۋاتامسىلەر؟ ئېسىڭلاردا يوقمۇ؟
19بەش مىڭ كىشىگە بەش ناننى ئوشتۇغىنىمدا، پارچىلارغا لىق تولغان قانچە كىچىك سېۋەتنى يىغىۋالدىڭلار؟ ــ دېدى. ــ ئون ئىككىنى، ــ جاۋاب بەردى ئۇلار.  
20ــ يەتتە ناننى تۆت مىڭ كىشىگە ئوشتۇغىنىمدا، پارچىلارغا لىق تولغان قانچە سېۋەتنى يىغىۋالدىڭلار؟ ــ دېدى ئۇ. ــ يەتتىنى، ــ جاۋاب بەردى ئۇلار.
21ئۇ ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ ئۇنداقتا، قانداقسىگە سىلەر تېخى چۈشەنمەيسىلەر؟ ــ دېدى.
22ئۇلار بەيت‫‪‎-‎‬‬سائىدا يېزىسىغا كەلدى؛ خالايىق بىر كور ئادەمنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا قولۇڭنى تەگكۈزۈپ قويساڭ، دەپ ئۆتۈندى.
23ئۇ كور ئادەمنىڭ قولىدىن تۇتۇپ يېزىنىڭ سىرتىغا يېتىلەپ باردى؛ ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تۈكۈرۈپ، ئۈستىگە قوللىرىنى تەگكۈزۈپ‫‪:‬‬ ــ بىرەر نەرسە كۆرۈۋاتامسەن؟ ــ دەپ سورىدى.
24ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ‫‪:‬‬ ــ كىشىلەرنى كۆرۈۋاتىمەن؛ ئۇلار خۇددى مېڭىپ يۈرۈۋاتقان دەرەخلەردەك كۆرۈنۈۋاتىدۇ، ــ دېدى.
25ئاندىن ئۇ قايتىدىن قوللىرىنى ئۇ ئادەمنىڭ كۆزلىرىگە تەگكۈزدى. ئۇ كۆزلىرىنى ئېچىۋىدى، كۆزلىرى ئەسلىگە كېلىپ، ھەممە نەرسىنى ئېنىق كۆردى.
26ئەيسا ئۇنى ئۆيىگە قايتۇرۇپ‫‪:‬‬ ــ يېزىغىمۇ كىرمە، ياكى يېزىدىكى ھېچكىمگە بۇ ئىشنى ئۇقتۇرما، ــ دەپ تاپىلىدى.
27ئەيسا مۇخلىسلىرى بىلەن چىقىپ قەيسەرىيە‫‪‎-‎‬‬فىلىپپى رايونىغا قاراشلىق كەنت‫‪‎-‎‬‬يېزىلارغا باردى. يولدا ئۇ مۇخلىسلىرىدىن‫‪:‬‬ ــ كىشىلەر مېنى كىم دەيدۇ؟ ــ دەپ سورىدى.
28ئۇلار ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ بەزىلەر سېنى چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا، بەزىلەر ئىلياس پەيغەمبەر ۋە يەنە بەزىلەر ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەردىن بىرى دەپ قارايدىكەن، ــ دەپ جاۋاب بېرىشتى.
29ئۇ ئۇلاردىن‫‪:‬‬ ــ ئەمدى سىلەرچۇ، سىلەر مېنى كىم دەپ بىلىسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. پېترۇس جاۋابەن‫‪:‬‬ ــ سەن مەسىھدۇرسەن، ــ دېدى.  
30ئۇ ئۇلارغا ئۆزى توغرۇلۇق ھېچكىمگە تىنماسلىقنى جىددىي تاپىلىدى.
31شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىنسانئوغلىنىڭ نۇرغۇن ئازاب‫‪‎-‎‬‬ئوقۇبەت تارتىشى، ئاقساقاللار، باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىشى، ئۆلتۈرۈلۈشى ۋە ئۈچ كۈندىن كېيىن تىرىلدۈرۈلۈشى مۇقەررەر ئىكەنلىكىنى مۇخلىسلىرىغا ئۆگىتىشكە باشلىدى.   
32ئۇ بۇ ئىشنى ئوچۇق‫‪‎-‎‬‬ئاشكارا سۆزلەپ بەردى. بۇنىڭ بىلەن پېترۇس ئۇنى بىر چەتكە تارتىپ، ئۇنى ئەيىبلەشكە باشلىدى.
33لېكىن ئۇ بۇرۇلۇپ مۇخلىسلىرىغا قاراپ، پېترۇسنى ئەيىبلەپ‫‪:‬‬ ــ ئارقامغا ئۆت، شەيتان! سېنىڭ ئويلىغانلىرىڭ خۇدانىڭ ئىشلىرى ئەمەس، ئىنساننىڭ ئىشلىرىدۇر، ــ دېدى.  
34ئاندىن مۇخلىسلىرى بىلەن خالايىقنىمۇ چاقىرىپ مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ كىمدەكىم ماڭا ئەگىشىشنى نىيەت قىلسا، ئۆزىدىن كېچىپ، ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈپ ماڭا ئەگەشسۇن!   
35چۈنكى كىمدەكىم ئۆز جېنىنى قۇتقۇزاي دېسە، چوقۇم ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولىدۇ؛ لېكىن كىمدەكىم مەن ئۈچۈن ۋە خۇش خەۋەر ئۈچۈن ئۆز جېنىدىن مەھرۇم بولسا، ئۇنى قۇتقۇزىدۇ.
36چۈنكى بىر ئادەم پۈتكۈل دۇنياغا ئىگە بولۇپ، جېنىدىن مەھرۇم قالسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟!
37ئۇ نېمىسىنى جېنىغا تېگىشسۇن؟!
38چۈنكى كىمدەكىم زىناخور ۋە گۇناھكار بۇ دەۋر ئالدىدا مەندىن ۋە مېنىڭ سۆزلىرىمدىن نومۇس قىلسا، ئىنسانئوغلىمۇ ئاتىسىنىڭ شان‫‪‎-‎‬‬شەرىپى ئىچىدە مۇقەددەس پەرىشتىلەر بىلەن بىللە كەلگىنىدە، ئۇنىڭدىن نومۇس قىلىدۇ.  

Read ماركۇس 8ماركۇس 8
Compare ماركۇس 8:11-38ماركۇس 8:11-38