15ئۈستىگە سۆز-كالام چېچىلغان چىغىر يول بويى شۇنداق ئادەملەرنى كۆرسەتكەنكى، ئۇلار سۆز-كالامنى ئاڭلىغان ھامان شەيتان دەرھال كېلىپ ئۇلارنىڭ قەلبىگە چېچىلغان سۆز-كالامنى ئېلىپ كېتىدۇ.
16بۇنىڭغا ئوخشاش، تاشلىق يەرلەرگە چېچىلغان ئۇرۇقلار بولسا، سۆز-كالامنى ئاڭلىغان ھامان خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغانلارنى كۆرسىتىدۇ.
17ھالبۇكى، قەلبىدە ھېچ يىلتىز بولمىغاچقا، پەقەت ۋاقىتلىق تۇرىدۇ؛ سۆز-كالامنىڭ ۋەجىدىن قىيىنچىلىق ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندا، ئۇلار شۇئان يولدىن چەتنەپ كېتىدۇ.
18تىكەنلەرنىڭ ئارىسىغا چېچىلغىنى شۇنداق بەزى ئادەملەرنى كۆرسەتكەنكى، بۇ ئادەملەر سۆز-كالامنى ئاڭلىغىنى بىلەن،