Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لۇقا - لۇقا 8

لۇقا 8:3-55

Help us?
Click on verse(s) to share them!
3ھېرود خاننىڭ ساراي غوجىدارى خۇزانىڭ ئايالى يوئاننا، سۇزاننا ۋە باشقا نۇرغۇن ئاياللارمۇ بار ئىدى. بۇلار ئۆز مال‫‪‎-‎‬‬مۈلۈكلىرى بىلەن ئۇ ۋە ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىنىڭ ھاجەتلىرىدىن چىقاتتى.
4چوڭ بىر توپ ئادەملەر يىغىلغاندا، شۇنداقلا ھەرقايسى شەھەرلەردىن كىشىلەر ئۇنىڭ يېنىغا كەلگەندە، ئۇ ئۇلارغا بىر تەمسىل سۆزلەپ بەردى‫‪:‬‬
5ــ «ئۇرۇق چاچقۇچى ئۇرۇق چاچقىلى ئېتىزغا چىقىپتۇ. ئۇرۇق چاچقاندا، ئۇرۇقلاردىن بەزىلىرى چىغىر يول ئۈستىگە چۈشۈپ، دەسسىلىپ كېتىپتۇ ۋە ئاسماندىكى ئۇچار‫‪‎-‎‬‬قاناتلار كېلىپ ئۇلارنى يەپ كېتىپتۇ.
6باشقا بەزىلىرى تاشلىق يەرگە چۈشۈپتۇ. يەردە نەملىك بولمىغاچقا، ئۈنۈپ چىققىنى بىلەن قۇرۇپ كېتىپتۇ.
7باشقا بەزىلىرى تىكەنلەرنىڭ ئارىسىغا چۈشۈپتۇ، تىكەنلەر مايسىلار بىلەن تەڭ ئۆسۈپ مايسىلارنى بوغۇۋاپتۇ.
8باشقا بەزىلىرى بولسا ياخشى تۇپراققا چۈشۈپتۇ. ئۈنگەندىن كېيىن، يۈز ھەسسە ھوسۇل بېرىپتۇ». بۇلارنى دېگەندىن كېيىن ئۇ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن‫‪:‬‬ ــ ئاڭلىغۇدەك قۇلىقى بارلار بۇنى ئاڭلىسۇن! دەپ توۋلىدى.
9كېيىن ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى ئۇنىڭدىن‫‪:‬‬ ــ بۇ تەمسىلنىڭ مەنىسى نېمە؟ ــ دەپ سورىدى.
10ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ سىرلىرىنى بىلىش سىلەرگە نېسىپ قىلىندى. بىراق بۇ ئىشلار قالغان باشقىلارغا تەمسىللەر بىلەنلا ئېيتىلىدۇ. مەقسىتى شۇكى، «ئۇلار قارىسىمۇ كۆرمەيدۇ، ئاڭلىسىمۇ چۈشەنمەيدۇ».  
11ئەمدى تەمسىلنىڭ مەنىسى مۇنداق‫‪:‬‬ ــ ئۇرۇق بولسا، خۇدانىڭ سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامىدۇر.
12چىغىر يول بويىدىكىلەر بولسا مۇشۇلار‫‪:‬‬ ئۇلار سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامنى ئاڭلايدۇ؛ لېكىن ئىبلىس كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئىشىنىپ قۇتقۇزۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى سۆزنى ئېلىپ كېتىدۇ.
13تاشلىق يەرگە چۈشكەن ئۇرۇقلار سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامنى ئاڭلىغان ھامان خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغانلارغا تەمسىل قىلىنغان. ئۇلاردا يىلتىز بولمىغاچقا، پەقەت بىر مەھەل ئىشىنىپ، ئاندىن سىناق‫‪‎-‎‬‬مۈشكۈللۈك ۋاقتى كەلگەندە، ئېتىقادتىن تېيىلىپ كېتىدۇ.
14تىكەنلىككە چۈشكەن ئۇرۇقلار بولسا شۇنداق ئادەملەرنى كۆرسەتكەنكى، سۆزنى ئاڭلىغان بولسىمۇ، يولغا چىققاندىن كېيىن بۇ پانىي ھاياتتىكى ئەندىشىلەر، بايلىقلار ۋە ھالاۋەتلەرنىڭ ئېزىقتۇرۇشلىرى بىلەن بوغۇلۇپ، ئۇرۇق پىشماي ھوسۇل بەرمەيدۇ.
15لېكىن ياخشى تۇپراققا چېچىلغان ئۇرۇقلار بولسا ــ سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامنى ئاڭلاپ، سەمىمىي ۋە ياخشى قەلبى بىلەن ئۇنى تۇتىدىغانلارنى كۆرسىتىدۇ؛ بۇنداق ئادەملەر سەۋرچانلىق بىلەن ھوسۇل بېرىدۇ.
16ھېچكىم چىراغنى يېقىپ قويۇپ ئۈستىگە ئىدىشنى كۆمتۈرۈپ قويماس ياكى كارىۋات ئاستىغا تۇرغۇزماس، بەلكى چىراغداننىڭ ئۈستىگە قويىدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن ئۆيگە كىرگەنلەر يورۇقلۇقنى كۆرىدۇ.
17چۈنكى يوشۇرۇلغان ھېچقانداق ئىش ئاشكارىلانماي قالمايدۇ، ۋە ھېچقانداق مەخپىي ئىش ئايان بولماي، يورۇقلۇققا چىقماي قالمايدۇ.
18شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاڭلىشىڭلارنىڭ قانداق ئىكەنلىكىگە كۆڭۈل قويۇڭلار! چۈنكى كىمدە بار بولسا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ بېرىلىدۇ؛ ئەمما كىمدە يوق بولسا، ھەتتا بار دەپ ھاسابلىغىنىمۇ ئۇنىڭدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ.  
19ئەمدى ئۇنىڭ ئانىسى ۋە ئىنىلىرى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى كەلدى. لېكىن ئادەم نۇرغۇن بولغاچقا، يېنىغا كېلەلمىگەنىدى.
20شۇنىڭ بىلەن بىرسى ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ ئانىڭىز ۋە ئىنىلىرىڭىز سىز بىلەن كۆرۈشىمىز دەپ، سىرتتا تۇرىدۇ، ــ دېدى.
21لېكىن ئۇ جاۋابەن‫‪:‬‬ ــ مېنىڭ ئانام ۋە ئاكا‫‪‎-‎‬‬ئۇكا قېرىنداشلىرىم بولسا خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغۇچىلاردۇر، دېدى.
22ۋە شۇنداق بولدىكى، شۇ كۈنلەردىن بىرى، ئۇ مۇخلىسلىرى بىلەن بىر كېمىگە چۈشۈپ، ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ كۆلنىڭ ئۇ قېتىغا بارايلى، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يولغا چىقتى.
23كېمە كېتىۋاتقاندا ئۇ ئۇيقۇغا كەتكەنىدى. كۆلگە تۇيۇقسىز قارا بوران كېلىپ، كېمىگە سۇ توشۇپ كېتىپ، ئۇلار خەۋپتە قالدى.
24مۇخلىسلار كېلىپ ئۇنى ئويغىتىپ‫‪:‬‬ ــ ئۇستاز، ئۇستاز، تۈگىشىدىغان بولدۇق! ــ دېدى. لېكىن ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، بورانغا ۋە داۋالغۇغان دولقۇنلارغا تەنبىھ بەردى؛ ھەممىسى توختاپ، تىنچ بولدى.
25ئۇ مۇخلىسلىرىغا قاراپ‫‪:‬‬ ــ ئىشەنچىڭلار نەگە كەتتى؟ ــ دېدى. ئۇلار ھەم قورقۇشۇپ، ھەم بەكمۇ ھەيران بولۇپ، بىر‫‪‎-‎‬‬بىرىگە‫‪:‬‬ ــ بۇ ئادەم زادى كىمدۇ، بۇيرۇق قىلسا، ھەتتا شاماللار ۋە دولقۇنلارمۇ ئۇنىڭغا بويسۇنىدىكەن‫‪‎-‎‬‬ھە! ــ دەپ كېتىشتى.
26شۇنىڭ بىلەن ئۇلار گالىلىيەنىڭ ئۇدۇلىدىكى گېراسالىقلارنىڭ يۇرتىغا يېتىپ باردى.   
27ئۇ قىرغاققا چىقىشى بىلەنلا، ئۇزۇندىن بېرى جىنلار چاپلاشقان، شەھەردىن كەلگەن مەلۇم ئادەم ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى. بۇ ئادەم كىيىم كىيمەي، ھېچ ئۆيدە تۇرماي، گۆرلەر ئارىسىدا ياشايتتى.
28لېكىن ئۇ ئەيسانى كۆرۈپلا ۋارقىراپ، ئۇنىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ قاتتىق ئاۋاز بىلەن‫‪:‬‬ ــ ھەممىدىن ئالىي خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا، سېنىڭ مەن بىلەن نېمە كارىڭ! سەندىن ئۆتۈنىمەنكى، مېنى قىينىما! ــ دەپ توۋلاپ كەتتى.
29چۈنكى ئەيسا ناپاك روھنىڭ ئۇنىڭدىن چىقىشىنى بۇيرۇۋاتاتتى (چۈنكى جىن نۇرغۇن قېتىم ئۇنى تۇتۇۋالغانىدى؛ ئۇ چاغلاردا كىشىلەر ئۇنىڭ پۇت‫‪‎-‎‬‬قوللىرىنى كىشەن‫‪‎-‎‬‬زەنجىرلەر بىلەن باغلاپ ئۇنى قاماپ قويغان بولسىمۇ، ئۇ زەنجىرلەرنى ئۈزۈپ قېچىپ چىققان ۋە جىن تەرىپىدىن چۆل‫‪‎-‎‬‬باياۋانلارغا ھەيدىۋېتىلگەنىدى).
30ئەيسا بۇ ئادەمدىن‫‪:‬‬ ــ ئىسمىڭ نېمە؟ ــ دەپ سورىۋىدى، ئۇ‫‪:‬‬ ــ ئىسمىم «قوشۇن»، ــ دېدى. چۈنكى نۇرغۇن جىنلار ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ چاپلىشىۋالغانىدى.
31ئەمدى ئۇلار ئەيسادىن ئۆزلىرىنى تېگى يوق ھاڭغا كەتكۈزمەسلىكنى ئۆتۈنۈپ يالۋۇردى.
32شۇ يەردە تاغ باغرىدا چوڭ بىر توپ توڭگۇز پادىسى ئوزۇقلىنىۋاتاتتى. جىنلار ئەيساغا يالۋۇرۇپ، توڭگۇزلارنىڭ تېنىگە كىرىشكە ئىجازەت بېرىشىنى ئۆتۈندى. ئۇ ئۇلارغا ئىجازەت بەردى.
33جىنلار شۇ ئادەمدىن چىقىپ، توڭگۇزلارنىڭ تېنىگە كىرىۋالدى؛ شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل توڭگۇز پادىسى تىك ياردىن ئېتىلىپ چۈشۈپ، كۆلگە غەرق بولدى.
34توڭگۇزلارنى باققۇچىلارمۇ بۇ ۋەقەنى كۆرۈپ ئۇ يەردىن قېچىپ، شەھەر‫‪‎-‎‬‬يېزىلاردا بۇ خەۋەرنى تارقاتتى.
35خالايىق زادى نېمە ئىش بولغانلىقىنى كۆرگىلى چىقتى؛ ئەيسانىڭ ئالدىغا كەلگەندە، شۇ يەردە ئۆزىدىن جىنلار چىققان ھېلىقى ئادەمنىڭ كىيىم‫‪‎-‎‬‬كېچەكنى كىيىپ، ئەس‫‪‎-‎‬‬ھوشى جايىدا ھالدا ئەيسانىڭ ئايىغى ئالدىدا ئولتۇرغىنىنى كۆردى؛ ئۇلار قورقۇپ كېتىشتى.
36بۇ ۋەقەنى كۆرگەنلەرمۇ جىنلار چاپلاشقان ئادەمنىڭ قانداق ساقايتىلغىنىنى كۆپچىلىككە تەسۋىرلەپ بەردى.
37ئاندىن گېراسالىقلارنىڭ يۇرتىدىكىلەر ۋە ئەتراپىدىكى بارلىق كىشىلەر ئۇنىڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن كېتىشىنى ئۆتۈنۈشتى. چۈنكى دەھشەتلىك قورقۇنچ ئۇلارنى باسقانىدى. شۇڭا ئۇ كېمىگە چۈشۈپ، قايتىشقا يول ئالدى.   
38ئەمما جىنلار ئۆزىدىن چىقىپ كەتكەن ھېلىقى ئادەم ئۇنىڭغا، مەن سەن بىلەن بىللە كېتەي، ــ دەپ يالۋۇردى. لېكىن ئۇ ئۇنى يولغا سېلىپ‫‪:‬‬
39ــ ئۆيۈڭگە قايتىپ بېرىپ، خۇدانىڭ ساڭا شۇنچە چوڭ ئىشلارنى قىلىپ بەرگەنلىكىنى يەتكۈزگىن، ــ دېدى. ئۇ ئادەم قايتىپ بېرىپ، پۈتكۈل شەھەرنى ئارىلاپ، ئەيسانىڭ ئۆزىگە شۇنچە چوڭ ئىشلارنى قىلىپ بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
40ئەيسا قايتىپ كەلگىنىدە، شۇنداق بولدىكى، خالايىق ئۇنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئېلىشتى؛ چۈنكى ھەممەيلەن ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇراتتى.
41ۋە مانا، بىر كىشى، سىناگوگنىڭ چوڭى بولغان يائىرۇس ئىسىملىك كىشىمۇ ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ ئايىغىغا ئۆزىنى ئېتىپ، ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىشىنى ئۆتۈندى.
42چۈنكى ئۇنىڭ ئون ئىككى ياشلىق يالغۇز قىزى سەكراتتا ئىدى. ئەيسا ئۇ يەرگە بارغىنىدا، توپ‫‪‎-‎‬‬توپ كىشىلەر ئۇنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئولىشىپ ئۇنى قىستىشاتتى.
43ئارىسىدا خۇن تەۋرەش كېسىلىگە گىرىپتار بولغىنىغا ئون ئىككى يىل بولغان بىر ئايال بار ئىدى؛ ئۇ بار‫‪‎-‎‬‬يوقىنى تېۋىپلارغا خەجلەپ تۈگەتكەن بولسىمۇ، ھېچقايسىسىدىن شىپا تاپمىغانىكەن.
44ئۇ ئەيسانىڭ ئارقىسىدىن كېلىپ، ئۇنىڭ تونىنىڭ پېشىنى سىلىۋىدى، شۇئان خۇن توختىدى.
45ئەيسا‫‪:‬‬ ــ ماڭا قول تەگكۈزگەن كىم؟ ــ دەپ سورىدى. ھەممەيلەن ئىنكار قىلغاندا، پېترۇسمۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغانلارمۇ‫‪:‬‬ ــ ئۇستاز، خالايىق توپ‫‪‎-‎‬‬توپ بولۇپ تۆت ئەتراپىڭنى ئولىشىپ، سېنى قىستىشىۋاتقان يەردە، سەن «ماڭا تەگكەن كىم؟»، دەپ سورايسەنغۇ؟ ــ دېدى.
46لېكىن ئەيسا‫‪:‬‬ ــ ياق! بىرسى ماڭا تەگدى؛ چۈنكى ۋۇجۇدۇمدىن قۇدرەتنىڭ چىقىپ كېتىۋاتقىنىنى سەزدىم، ــ دېدى.
47ھېلىقى ئايال ئۆزىنىڭ يوشۇرۇپ قالالمايدىغانلىقىنى بىلىپ، تىترىگەن ھالدا ئۇنىڭ ئالدىغا يىقىلدى ۋە كۆپچىلىك ئالدىدا ئۆزىنىڭ نېمە سەۋەبتىن ئەيساغا قول تەگكۈزگەنلىكىنى، شۇنداقلا شۇئان قانداق ساقايغانلىقىنى ئېيتتى.
48ئەيسا ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ يۈرەكلىك بول، قىزىم، ئىشەنچىڭ سېنى ساقايتتى! ئامان‫‪‎-‎‬‬خاتىرجەملىك بىلەن ماڭغىن! ــ دېدى.
49ئۇ سۆز قىلىۋاتقاندا، سىناگوگ چوڭىنىڭ ئۆيىدىن چىققان بىرەيلەن كېلىپ سىناگوگ چوڭىغا‫‪:‬‬ ــ قىزىڭىز جان ئۈزدى. ئەمدى ئۇستازنى كايىتمىغىن، ــ دېدى.
50لېكىن ئەيسا بۇنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ قورقمىغىن! پەقەت ئىشەنچتە بول، ئۇ ساقىيىپ كېتىدۇ، ــ دېدى.
51ئۇ ئۆيگە بارغاندا پېترۇس، يۇھاننا، ياقۇپ ۋە قىزنىڭ ئاتا‫‪‎-‎‬‬ئانىسىدىن باشقا ھېچكىمنىڭ ئۆزى بىلەن بىللە ئۆيگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلمىدى.
52ئۇ يەردىكىلەر ھەممىسى قىزغا ماتەم تۇتۇپ يىغا‫‪‎-‎‬‬زار كۆتۈرۈۋاتاتتى. لېكىن ئۇ‫‪:‬‬ ــ بولدى، يىغلىماڭلار! چۈنكى قىز ئۆلمىدى، پەقەت ئۇخلاپ قاپتۇ! ــ دېدى.
53ئۇلار بولسا قىزنىڭ ئاللىقاچان جان ئۈزدى دەپ بىلگەچكە، ئۇنى مەسخىرە قىلدى.
54لېكىن ئۇ ئۇلارنى چىقىرىۋېتىپ، قىزنىڭ قولىدىن تارتىپ‫‪:‬‬ ــ بالام، ئورنۇڭدىن تۇر، ــ دەپ چاقىردى.
55قىزنىڭ روھى قايتىپ كېلىپ، ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇردى. ئۇ قىزغا يېگۈدەك بىرنېمە بېرىشنى ئېيتتى.

Read لۇقا 8لۇقا 8
Compare لۇقا 8:3-55لۇقا 8:3-55