Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لۇقا - لۇقا 6

لۇقا 6:35-49

Help us?
Click on verse(s) to share them!
35لېكىن سىلەر بولساڭلار، دۈشمىنىڭلارغىمۇ مېھىر‫‪‎-‎‬‬مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار، ياخشىلىق قىلىڭلار، باشقىلارغا ئۆتنە بېرىڭلار ۋە «ئۇلار بىزگە بېرنېمە قايتۇرىدۇ» دەپ ئويلىماڭلار. شۇ چاغدا، ئىنئامىڭلار زور بولىدۇ ۋە سىلەر ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ پەرزەنتلىرى بولىسىلەر. چۈنكى ئۇ تۇزكورلارغا ۋە رەزىللەرگىمۇ مېھرىبانلىق قىلىدۇ.   
36ئاتاڭلار مېھرىبان بولغىنىدەك سىلەرمۇ مېھرىبان بولۇڭلار.
37ــ باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىپ يۈرمەڭلار. بولمىسا، سىلەر خۇدانىڭ ھۆكۈمىگە ئۇچرايسىلەر. باشقىلارنى گۇناھقا بېكىتمەڭلار ۋە سىلەرمۇ گۇناھقا بېكىتىلمەيسىلەر. باشقىلارنى كەچۈرۈڭلار ۋە سىلەرمۇ كەچۈرۈم قىلىنىسىلەر.
38بېرىڭلار ۋە سىلەرگىمۇ بېرىلىدۇ ــ ھەتتا چوڭ ئۆلچىگۈچكە لىق چىڭداپ، سىلكىپ تولدۇرۇلۇپ ئۈستىدىن تېشىپ چۈشكىدەك دەرىجىدە قوينۇڭلارغا تۆكۈپ بېرىلىدۇ. سىلەر باشقىلارغا قانداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەپ بەرسەڭلار، سىلەرگىمۇ شۇنداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەپ بېرىلىدۇ.  
39ئاندىن ئۇ ئۇلارغا تەمسىل ئېيتىپ مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ قارىغۇ قارىغۇنى يېتىلەپ ماڭالامدۇ؟ ئۇنداق قىلسا، ھەر ئىككىسى ئورەككە چۈشۈپ كەتمەمدۇ؟
40مۇخلىس ئۇستازىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ؛ لېكىن تاكامۇللاشتۇرۇلغىنى ئۇستازىغا ئوخشاش بولىدۇ.  
41ئەمدى نېمە ئۈچۈن بۇرادىرىڭنىڭ كۆزىدىكى قىلنى كۆرۈپ، ئۆز كۆزۈڭدىكى لىمنى بايقىيالمايسەن؟!   
42سەن قانداقمۇ ئۆز كۆزۈڭدە تۇرغان لىمنى كۆرمەي تۇرۇپ بۇرادىرىڭغا‫‪:‬‬ «قېنى، كۆزۈڭدىكى قىلنى ئېلىۋېتەي!» دېيەلەيسەن؟! ئەي ساختىپەز! ئاۋۋال ئۆزۈڭنىڭ كۆزىدىكى لىمنى ئېلىۋەت، ئاندىن ئېنىق كۆرۈپ، بۇرادىرىڭنىڭ كۆزىدىكى قىلنى ئېلىۋېتەلەيسەن.
43چۈنكى ھېچقانداق ياخشى دەرەخ يامان مېۋە بەرمەيدۇ، ھېچقانداق يامان دەرەخمۇ ياخشى مېۋە بەرمەيدۇ.
44ھەرقانداق دەرەخنى بەرگەن مېۋىسىدىن پەرق ئەتكىلى بولىدۇ. چۈنكى تىكەندىن ئەنجۈرنى ئۈزگىلى بولماس، يانتاقتىن ئۈزۈم ئۈزگىلى بولماس.
45ياخشى ئادەم قەلبىدىكى ياخشىلىق خەزىنىسىدىن ياخشىلىق چىقىرىدۇ؛ رەزىل ئادەم قەلبىدىكى رەزىللىك خەزىنىسىدىن رەزىللىكنى چىقىرىدۇ. چۈنكى قەلب نېمىگە تولدۇرۇلغان بولسا، ئېغىزدىن شۇ چىقىدۇ.
46ــ سىلەر نېمىشقا مېنى «رەب! رەب!» دەيسىلەريۇ، بىراق سىلەرگە ئېيتقانلىرىمغا ئەمەل قىلمايسىلەر؟
47ئەمىسە، مېنىڭ ئالدىمغا كېلىپ، سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ ئەمەل قىلغان ھەركىمنىڭ كىمگە ئوخشىغانلىقىنى سىلەرگە كۆرسىتىپ بېرەي.
48ئۇ خۇددى چوڭقۇر كولاپ، ئۇلىنى قورام تاشنىڭ ئۈستىگە سېلىپ ئۆي سالغان كىشىگە ئوخشايدۇ. كەلكۈن كەلگەندە، سۇ ئېقىمى ئۇ ئۆينىڭ ئۈستىگە زەرب بىلەن ئۇرۇلغىنى بىلەن، ئۇنى مىدىر‫‪‎-‎‬‬سىدىر قىلالمىدى، چۈنكى ئۇ پۇختا سېلىنغان.
49لېكىن سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، ئەمەل قىلمايدىغان كىشى بولسا، قۇرۇق يەرنىڭ ئۈستىگە ئۇلسىز ئۆي سالغان كىشىگە ئوخشايدۇ. كەلكۈن ئېقىمى شۇ ئۆينىڭ ئۈستىگە ئۇرۇلۇشى بىلەن ئۇ ئۆرۈلۈپ كەتتى؛ ئۇنىڭ ئۆرۈلۈشى ئىنتايىن دەھشەتلىك بولدى!

Read لۇقا 6لۇقا 6
Compare لۇقا 6:35-49لۇقا 6:35-49