Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لۇقا - لۇقا 4

لۇقا 4:23-31

Help us?
Click on verse(s) to share them!
23ئۇ ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ شۈبھىسىزكى، سىلەر ماڭا «ئەي تېۋىپ، ئاۋۋال ئۆزۈڭنى ساقايت!» دېگەن تەمسىلنى كەلتۈرۈپ، «خەۋەر تاپقىنىمىزدەك، كەپەرناھۇم شەھىرىدە نېمە ئىشلار يۈز بەرگەن بولسا، مۇشۇ يەردىمۇ، ئۆز يۇرتۇڭدىمۇ شۇلارنى كۆرسەتمەمسەن؟» دەۋاتىسىلەر، ــ دېدى.
24ــ بىراق شۇنى سىلەرگە بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ھېچقانداق پەيغەمبەر ئۆز يۇرتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ئەمەس.
25مەن سىلەرگە شۇ ھەقىقەتنى ئەسلىتىمەنكى، ئىلياس پەيغەمبەرنىڭ ۋاقتىدا، ئاسمان ئۇدا ئۈچ يىل ئالتە ئاي ئېتىلىپ، دەھشەتلىك بىر قەھەتچىلىك بارلىق زېمىننى باسقاندا، ئىسرائىلدا نۇرغۇن تۇل ئاياللار بار ئىدى؛
26بىراق ئىلياس ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ قېشىغا ئەمەس، بەلكى زىدوننىڭ زارەفات شەھىرىدىكى بىر تۇل ئايالنىڭ قېشىغىلا ئەۋەتىلگەن.
27ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش، ئېلىشا پەيغەمبەرنىڭ ۋاقتىدا، ئىسرائىلدا ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار نۇرغۇن بولسىمۇ، لېكىن سۇرىيەلىك نائاماندىن باشقا، ھېچقايسىسى ساقايتىلغان ئەمەس! ــ دېدى.  
28سىناگوگدىكىلەر بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ھەممىسى قاتتىق غەزەپلەندى؛
29ئورنىدىن تۇرۇشۇپ، ئۇنى شەھەردىن ھەيدەپ چىقىرىپ، شۇ شەھەر جايلاشقان تاغنىڭ لېۋىگە ئەچىقىپ، تىك ياردىن تاشلىۋەتمەكچى بولۇشتى.
30لېكىن ئۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىمالال ئۆتۈپ، ئۆز يولىغا چىقىپ كەتتى.
31ئۇ گالىلىيە ئۆلكىسىنىڭ كەپەرناھۇم دېگەن بىر شەھىرىگە چۈشتى، ئۇ يەردە شابات كۈنلىرىدە خەلققە تەلىم بېرەتتى.

Read لۇقا 4لۇقا 4
Compare لۇقا 4:23-31لۇقا 4:23-31