Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لۇقا - لۇقا 2

لۇقا 2:24-38

Help us?
Click on verse(s) to share them!
24ۋە شۇنداقلا پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات قانۇنىدا دېيىلگىنى بويىچە، بىر جۈپ پاختەك ياكى ئىككى كەپتەر باچكىسىنى قۇربانلىققا سۇنۇش كېرەك ئىدى.  
25ۋە مانا شۇ چاغلاردا، يېرۇسالېمدا سىمېئون ئىسىملىك بىر كىشى تۇراتتى. ئۇ ھەم ھەققانىي ۋە ئىخلاسمەن ئادەم بولۇپ، «ئىسرائىلغا تەسەللى بەرگۈچى»نى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتكەنىدى. مۇقەددەس روھ ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا يار ئىدى.
26ئۇ مۇقەددەس روھتىن كەلگەن ۋەھىيدىن ئۆزىنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھىنى كۆرمىگۈچە ئۆلۈم كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلگەنىدى.
27ئۇ مۇقەددەس روھنىڭ باشلىشى بىلەن ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىلىرىغا كىردى؛ ئاتا‫‪‎-‎‬‬ئانىسى تەۋراتتا بېكىتىلگەن ئادەتنى بېجىرىش ئۈچۈن بوۋاق ئەيسانى كۆتۈرۈپ كىرگەندە،
28سىمېئون بوۋاقنى قۇچىقىغا ئېلىپ، خۇداغا تەشەككۈر‫‪‎-‎‬‬مەدھىيە ئوقۇپ مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ
29«ئەمدى، ئى ئىگەم، ھازىر سۆزۈڭ بويىچە قۇلۇڭنىڭ بۇ ئالەمدىن خاتىرجەملىك بىلەن كېتىشىگە يول قويغايسەن؛  
30چۈنكى ئۆز كۆزۈم سېنىڭ نىجاتىڭنى كۆردى،
31ئۇنى بارلىق خەلقلەر ئالدىدا ھازىرلىغانسەن؛  
32ئۇ ئەللەرگە ۋەھىي بولىدىغان نۇر، ۋە خەلقىڭ ئىسرائىلنىڭ شان‫‪‎-‎‬‬شەرىپىدۇر!»  
33بالىنىڭ ئاتا‫‪‎-‎‬‬ئانىسى بالا ھەققىدە ئېيتىلغانلىرىغا ئىنتايىن ھەيران قېلىشتى.
34سىمېئون ئۇلارغا بەخت تىلەپ، ئاپىسى مەريەمگە مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ مانا! بۇ بالا ئىسرائىلدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يىقىلىشى ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۆتۈرۈلۈشى ئۈچۈن تەيىنلەندى، شۇنداقلا كىشىلەر قارشى چىقىپ ھاقارەتلەيدىغان، خۇدانىڭ بېشارەتلىك ئالامىتى بولىدۇ.
35شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدىكى غەرەزلىرى ئاشكارىلىنىدۇ ــ ۋە بىر قىلىچمۇ سېنىڭ كۆڭلۈڭگە سانجىلىدۇ!
36شۇ يەردە ئاشىر قەبىلىسىدىن بولغان فانۇئىلنىڭ قىزى ئاننا ئىسىملىك خېلى ياشانغان بىر ئايال پەيغەمبەرمۇ بار ئىدى. ئۇ قىز ۋاقتىدا ئەرگە تەگكەندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن يەتتە يىل بىللە ياشاپ،
37ئاندىن سەكسەن تۆت يىل تۇل تۇرغان ئىدى. ئۇ ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدىن چىقماي، كېچە‫‪‎-‎‬‬كۈندۈز روزا تۇتۇشلار ۋە دۇئالار بىلەن خۇداغا ئىبادەت قىلاتتى.   
38ئۇ دەل شۇ پەيتتە يېتىپ كېلىپ پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتتى، ھەمدە يېرۇسالېمدا نىجات‫‪‎-‎‬‬ھۆرلۈكنى كۈتۈۋاتقان بارلىق خالايىققا بالا توغرىسىدا سۆز قىلدى.

Read لۇقا 2لۇقا 2
Compare لۇقا 2:24-38لۇقا 2:24-38