1ئەمدى شۇ كۈنلەردە، رىم ئىمپېراتورى قەيسەر ئاۋغۇستۇستىن بارلىق خەلقتىن باج ئېلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ رويخېتى تىزىملانسۇن دەپ پەرمان چۈشتى.
2تۇنجى قېتىملىق بۇ نوپۇس تىزىملاش كىرىنىيۇس سۇرىيە ئۆلكىسىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغان ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىلغانىدى.
3شۇنىڭ بىلەن ھەممە ئادەم نوپۇسقا تىزىملىنىش ئۈچۈن ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىش كېرەك بولدى.
4يۈسۈپمۇ داۋۇت پادىشاھنىڭ جەمەتىدىن بولغاچقا، شۇنداقلا ئۇنىڭ بىۋاسىتە ئەۋلادى بولغاچقا، گالىلىيە ئۆلكىسىدىكى ناسارەت شەھىرىدىن ئايرىلىپ، يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى، داۋۇتنىڭ يۇرتى بەيت-لەھەم دېگەن شەھەرگە كەتتى.
5نوپۇسقا تىزىملىنىش ئۈچۈن لايىقى، بولغۇسى ئايالى مەريەممۇ بىللە باردى. مەريەم ھامىلىدار بولۇپ، قورسىقى خېلىلا يوغىناپ قالغانىدى.
6ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار بەيت-لەھەمدە تۇرغان ۋاقتىدا مەريەمنىڭ تۇغۇتىنىڭ ئاي-كۈنى توشۇپ قالدى.