Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لۇقا - لۇقا 24

لۇقا 24:8-30

Help us?
Click on verse(s) to share them!
8ۋە ئۇلار ئۇنىڭ دەل شۇنداق دېگىنىنى ئېسىگە ئېلىشتى؛
9ۋە قەبرىدىن قايتىپ، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئون بىرەيلەنگە، شۇنداقلا قالغان مۇخلىسلارنىڭ ھەممىسىگە يەتكۈزدى.
10روسۇللارغا بۇ ئىشلارنى يەتكۈزگۈچىلەر بولسا ماگداللىق مەريەم، يوئاننا ۋە ياقۇپنىڭ ئانىسى مەريەم ھەمدە ئۇلار بىلەن بىللە بولغان باشقا ئاياللار ئىدى.
11لېكىن ئاياللارنىڭ بۇ ئېيتقانلىرى ئۇلارغا ئەپسانىدەك بىلىندى، ئۇلار ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنمىدى.
12بىراق پېترۇس ئورنىدىن تۇرۇپ، قەبرىگە يۈگۈرۈپ باردى. ئۇ ئېڭىشىپ قەبرە ئىچىگە قارىۋىدى، يالغۇز كاناپ كېپەنلىكنىڭ تىلىم‫‪‎-‎‬‬تىلىم پارچىلىرىنى كۆرۈپ، يۈز بەرگەن ئىشلارغا تەئەججۈپلىنىپ ئۆيگە قايتىپ كەتتى.
13ۋە مانا، شۇ كۈندە ئۇلاردىن ئىككىيلەن يېرۇسالېمدىن ئون بىر چاقىرىم يىراقلىقتىكى ئېمايۇس دېگەن كەنتكە كېتىپ باراتتى.   
14ئۇلار يۈز بەرگەن بارلىق ئىشلار توغرىسىدا سۆزلىشىپ كېتىۋاتاتتى.
15ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار سۆزلىشىپ‫‪‎-‎‬‬مۇلاھىزىلىشىپ كېتىۋاتقاندا، مانا ئەيسا ئۆزى ئۇلارغا يېقىنلىشىپ كېلىپ، ئۇلار بىلەن بىللە ماڭدى؛
16لېكىن ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئۇنى تونۇشتىن تۇتۇلدى.
17ئۇ ئۇلاردىن‫‪:‬‬ ــ كېتىۋېتىپ نېمە ئىشلار توغرۇلۇق مۇنازىرە قىلىشىۋاتىسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇلار قايغۇلۇق قىياپەتتە توختاپ،
18ئۇلاردىن كلىيوپاس ئىسىملىك بىرى جاۋاب بېرىپ‫‪:‬‬ ــ يېرۇسالېمدا تۇرۇپمۇ، مۇشۇ كۈنلەردە شۇ يەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن بىردىنبىر خەۋەر تاپمىغان مۇساپىر سەن ئوخشىمامسەن؟! ــ دېدى.
19ۋە ئۇ ئۇلاردىن‫‪:‬‬ ــ نېمە ۋەقەلەر بولدى؟ ــ دەپ سورىدى. «ناسارەتلىك ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەر!» ــ دېدى ئۇلار، ــ «ئۇ ئۆزى خۇدانىڭ ئالدىدىمۇ، بارلىق خەلقنىڭ ئالدىدىمۇ ئەمەلدە ۋە سۆزدە قۇدرەتلىك بىر پەيغەمبەر بولۇپ،
20باش كاھىنلار ۋە ھۆكۈمدارلىرىمىز ئۇنى ئۆلۈم ھۆكۈمىگە تاپشۇرۇپ، كرېستلەتتى.
21بىز ئەسلىدە ئۇنى ئىسرائىلغا ھەمجەمەت بولۇپ ئازاد قىلىدىغان زات ئىكەن، دەپ ئۈمىد قىلغانىدۇق. لېكىن ئىشلار شۇنداق بولدى، ھازىر بۇ ۋەقەلەر يۈز بەرگىنىگە ئۈچىنچى كۈن بولدى؛   
22يەنە كېلىپ، ئارىمىزدىكى بىرنەچچە ئايال ھەم بىزنى ھاڭ‫‪‎-‎‬‬تاڭ قالدۇرۇۋەتتى. چۈنكى ئۇلار بۈگۈن تاڭ سەھەردە قەبرىگە بېرىپتىكەن،
23ئۇنىڭ جەسىتىنى تاپالماي قايتىپ كېلىپ‫‪:‬‬ «بىزگە بىرنەچچە پەرىشتە غايىبانە كۆرۈنۈشتە ئايان بولۇپ، «ئۇ تىرىك!» دېدى» دەپ ئېيتىپتۇ.
24بۇنىڭ بىلەن ئارىمىزدىن بىرنەچچەيلەن قەبرىگە بېرىپ، ئەھۋالنىڭ دەل ئاياللارنىڭ ئېيتقىنىدەك ئىكەنلىكىنى بايقاپتۇ. لېكىن ئۇنى ئۇلارمۇ كۆرمەپتۇ».
25ئەيسا ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ ئەي نادانلار، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىشكە قەلبى گاللار!
26مەسىھنىڭ ئۆزىگە خاس شان‫‪‎-‎‬‬شەرىپىگە كىرىشتىن بۇرۇن، مۇشۇ جاپا‫‪‎-‎‬‬مۇشەققەتلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈشى مۇقەررەر ئەمەسمىدى؟ ــ دېدى.
27ئاندىن پۈتۈن تەۋرات‫‪‎-‎‬‬زەبۇردىن، مۇسا ۋە باشقا بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدىن باشلاپ ئۇ ئۆزى ھەققىدە ئالدىن پۈتۈلگەنلىرىنى ئۇلارغا شەرھ بېرىپ چۈشەندۈردى.
28ئۇلار بارىدىغان كەنتكە يېقىنلاشقاندا، ئۇ يىراقراق بىر يەرگە بارىدىغاندەك تۇراتتى.
29لېكىن ئۇلار ئۇنى تۇتۇۋېلىپ‫‪:‬‬ ــ كەچ كىرىپ قالدى، ھېلىلا كۈن ئولتۇرىدۇ. بىز بىلەن بىللە قونۇپ قالغىن، ــ دەپ ئۆتۈندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلار بىلەن قونغىلى ئۆيگە كىردى.
30ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ ئۇلار بىلەن داستىخاندا ئولتۇرغاندا، ناننى قولىغا ئېلىپ، خۇداغا تەشەككۈر ئېيتتى، ئاندىن ناننى ئوشتۇپ ئۇلارغا تۇتتى.

Read لۇقا 24لۇقا 24
Compare لۇقا 24:8-30لۇقا 24:8-30