5ئۇلار مۇسا بۇيرۇغان نەرسىلەرنى جامائەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى؛ پۈتكۈل جامائەت يېقىن كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ھازىر بولۇپ تۇردى.
6مۇسا: ــ مانا، بۇ پەرۋەردىگار بۇيرۇغان ئىشتۇر؛ بۇنى قىلساڭلار پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى سىلەرگە ئايان بولىدۇ، دېدى.
7شۇنىڭ بىلەن مۇسا ھارۇنغا: ــ سەن قۇربانگاھقا يېقىن بېرىپ گۇناھ قۇربانلىقىڭ بىلەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭنى سۇنۇپ ئۆزۈڭ ۋە خەلق ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرگىن؛ ئاندىن خەلقنىڭ قۇربانلىقىنىمۇ سۇنۇپ، پەرۋەردىگار ئەمر قىلغاندەك ئۇلار ھەققىدە كافارەت كەلتۈرگىن» ــ دېدى.